خىتاي ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللىرىنى ئالداشقا ئۇرۇندى

خىتاي شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا كۈنتەرتىپكە كىلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى» مەسىلىسىدە ئالداشقا ئۇرۇندى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ  7-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 5-يانۋار كۈنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» ۋە خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىلەن بىرلىكتە ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي-ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭنى سىنلىق ساياھەت قىلىشى» ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزگەن. سىنلىق ساياھەت قىلىش پائالىيىتىگە سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، پەلەستىن، پاكىستان، مالايشىيا، ھىندونوزىيە، قىرغىزىستان، نىگېرىيە، كامېرون قاتارلىق 36 دۆلەتنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، مۇئاۋىن ۋەكىللىرى قاتارلىق ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلىرى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى قاتناشقان.

خىتاي ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئالداش مەقسىتىدە، تور ئارقىلىق ئالدىن كىرىشتۈرۈپ ئىشلەنگەن ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازىرى، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتى»، ئۈرۈمچى شەھىرى گۇيۈەنشياڭ ئاھالىلەر كومىتېتى، خوتەن ۋىلايەتلىك يەسلى ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك مىللىي چالغۇلار كەنتى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرغان. ئۇندىن باشقا پۈتۈن دۇنيادا جازا لاگېرلىرى دەپ تونۇلغان ۋە بۇ سەۋەبلىك خىتايغا نۇرغۇن جازا ياغدۇرۇلىۋاتقان، ئەمما خىتاي رېجىمى ھېلىھەم ئېتىراپ قىلماستىن مەزكۇر لاگېرلارنى ئاتالمىش «تەلىم-تەربىيە مەركىزى» دەپ ئاتاشتىن توختىمىغان مەزكۇر لاگېرلاردىن قويۇپ بېرىلدى دەپ تونۇشتۇرۇلغان كىشىلەرنى زىيارەت قىلدۇرغان.

خىتاي ئەمەلدارلىرى تور يېغىنىدا يەنە نومۇسسىزلارچە: «خىتاي ئەزەلدىن ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ياخشى دوستى، ئۆز دۆلىتىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بەخت-سائادىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.

خەلقئارا تەتقىقات ئورگانلىرى، خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرى، گۇۋاھچىلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پولاتتەك ئىسپاتلار قاتارلىقلار خىتاي ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بارلىق سەپسەتىلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتە خىتاينىڭ يولسىزلىقلىرى ھەر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا خەلقئارا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى سانىدا بىر دوكلات ئېلان قىلىنغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ 2017-يىلى 12-ئايدا ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى بىر قانۇن تۈزۈپ چىققانلىقى ۋە مەزكۇر قانۇننىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرىگە تارقىتىپ بېرىلگەنلىكى چۈشەندۈرۈلۈپ، مەزكۇر قانۇندا 2018-يىلىدىن باشلاپ 2022-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلانغان.

ياۋروپا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى كۈندىن-كۈنگە بوغۇلۇۋاتقان خىتايدا شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى قۇرئان، ئىنجىل ۋە بۇددا نوملىرىنىڭ تەپسىرلىرىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىدىيەسىگە ماس كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

بۇ دائىرىدە 2019 - يىلى 11-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسى دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋاڭ ياڭنىڭ تەشكىللىشى بىلەن دىنىي ئىشلارغا ئالاقىدار سۆھبەت يىغىنى چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىنغا خىتايدىكى دىنىي زاتلارنىڭ ۋەكىللىرى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، يىغىندا دىنىي مەزمۇنلارنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى ۋە كوممۇنىست پارتىيەنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن ھالدا تەپسىر قىلىنىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ يىغىن ھەققىدىكى خەۋىرىدە: «دىنىي كىتابلاردىكى مەزمۇنلارنى خاتا شەرھلىمەسلىك، زۆرۈر تېپىلغاندا كومپارتىيە ئىدىيەسىگە ماس كەلمەيدىغان مەزمۇنلار ئۆزگەرتىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسى ئىدىيەسىگە ماسلىشىدىغان قىلىپ تەپسىر قىلىنىشى كېرەك» دەپ كۆرسىتىلگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1319 قېتىم كۆرۈلدى
10/01/2022 12:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق