خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا كۆپلەپ خىتاي سودىگەرلىرىنى چاقىرماقتا

يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋاسىتىسى بىلەن زور مەنپەئەتكە ئېرىشكەن خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي سودىگەرلىرىنى كۆپلەپ چاقىرىشقا باشلىغان.

ئاقسۇ كۈندىلىك خەۋەرلىرى تورىنىڭ 7-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئاقسۇ ۋىلايىتىدە كۆپەيتىپ قۇرۇۋاتقان سانائەت شەھەرچىسىگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆپلەپ سودىگەر چاقىرىشقا باشلىغان.

ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائەت رايونى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2021-يىلى ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ئېشىش كۆرۈلگەن بولۇپ، سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى 2 مىليارد 490 مىليون يۈەنگە يەتكەن. خىتاي توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسىدە ئۈسكۈنە ياساش ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرگە ئالاقىدار تىراكتور، لىفىت، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، يېڭى ئېنېرگىيە ماشىنىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرىنى كېڭەيتكەن. خىتاي مەزكۇر كېڭەيتىش پىلانىنى ئاتالمىش «14-بەش يىللىق پىلان»غا كىرگۈزگەن.

ئىگىلىنىشچە، خىتاي يېقىندىن بېرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ھاۋا بۇلغايدىغان زاۋۇت ۋە سانائەت ئورگانلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكىگەن. ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمە ۋە جازا لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان خەلقنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ۋەيران بولۇش ئالدىدا تۇرغان كىچىك تىپتىكى زاۋۇت ۋە كارخانىلىرىنى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشكە رىغبەتلەندۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي كارخانىلىرى ۋە شىركەتلىرىنىڭ سانى بارغانچە ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن ماس قەدەمدە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلىرىنىڭ سانى ۋە كۆلىمى تېخىمۇ كېڭەيگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1306 قېتىم كۆرۈلدى
08/01/2022 13:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق