2022-يىلدا نىشانىمىز ئېنىق، قەدەملىرىمىز مەزمۇت بولسۇن
ئالماس ھاجى
ھەر قېتىم يىل يېڭىلانغاندا يېڭى يىلنى ئېچىنىشلىق كەچمىشلەر، ئېغىر ھېس-تۇيغۇلار ئىچىدە كۈتۈۋالىمىز. باشقىلارغا ئوخشاش داقا-دۇمباق سادالىرى ئىچىدە، خۇشال خۇراملىق بىلەن كۈتۈۋېلىش بىزگە نېسىپ بولماي كەلدى.
2021-يىلى ھەر جەھەتتىن ئاز بولمىغان ئۆزگىرىشلەرنى، تەشۋىش، داۋالغۇشلارنى، چېكىنىش ۋە ئىلگىرىلەشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ئۆتۈپ كەتتى، شۇ قاتاردا بىزنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى. 2021-يىلىدا بىز ئۈچۈن چوڭ ئىشلار بولدى، بىز ئاخىرى دۇنيا سەھنىسىگە چىقتۇق، خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتقان دۇنيانىڭ سۈكۈتى بۇزۇلدى. خەلقئارادا خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ مۇستەبىت سىياسىتىنى ئەيىبلەيدىغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغان سادالار كۈنسېرى كۈچەيدى. خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ كانىيىنى بوغىدىغان، ئۇيغۇرلار نامىدا ئاتالغان قانۇنلار ئوتتۇرىغا چىقتى. بىز بۇنىڭ ئۈچۈن قانچە يىل كۈرەش قىلدۇق، قانچىلىك قۇربانلارنى بەردۇق ۋە زور بەدەللەرنى تۆلىدۇق. تارىخىمىزدا مۇھاجىرەتتىكى مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزدە بۈگۈنكىدەك كەڭرى سەپكە، بۈگۈنكىدەك ئېتىبارغا ئېرىشەلمەي كەلگەن ئىدۇق. 2021-يىلغا كەلگەندە بۇ پۇرسەتنى قولغا كەلتۈردۇق. لېكىن، بۇ ئىشلار روياپقا چىقىشقا باشلىغاندا، ئارىمىزدا تالاش-تارتىشلار، ئىچكى نىزالار ۋە بەزى ئەپسۇسلىنارلىق ئىشلارمۇ يۈز بەردى.
يەنە بىر جەھەتتىن، مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزدىكى ناتوغرا ئىدىيە، كۆز قاراشلار ئىسلاھ قىلىنىشقا يۈزلىنىپ، كۈرەش نىشانىمىز توغرىلىنىشقا باشلىدى. سېپىمىزدىكى كوممۇنىستلار كەبى مەپكۇرە مۇستەبىتلىكىگە دەز كېتىپ، پىكىر ئەركىنلىكى ئىچىدە توغرا كۆز قاراشلار تىكلىنىشكە باشلىدى. ئۆزئارا دۈشمەنلىشىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان ھاياسىز پىتنە-پاساتچىلارنىڭ بازىرى كاساتلاشتى، بۇلاردىن ھەممە بىزار بولۇشقا باشلىدى. تەشكىلاتلىرىمىز سەپلىرىنى تۈزەشكە، تولۇقلاشقا، كۈچلەندۈرۈشكە قەدەم ئېلىپ، ئورتاق غايە ۋە نىشان ئاساسىدا ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق تۈسىنى ئالغان قۇتۇپلىشىشقا يۈزلەندى ۋە ئۆز ئالاھىدىلىكلىرى ھەم ئىمكانىيەتلىرى بويىچە ئاكتىپلاشتى. قارىغاندا 2022-يىلى مۇستەقىللىق كۈرىشىمىز ئۈچۈن يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلىدىغان بىر يىل بولىدىغاندەك تۇرىدۇ.
شۇڭا بىز خىتاي باسقۇنچىلىرى ۋەھشىيلەرچە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق دۇنياغا يەنىمۇ تولۇق ئاڭلىتىپ، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇشى ۋە ئۇنى چەكلىشىنى تېخىمۇ يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈرۈشكە تۈرتكىلىك رول ئوينىشىمىز لازىم. ھازىرقى ۋەزىيەت بىزدىن ئىتتىپاق بولۇپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا مەن 2022-يىلىنى ئىتتىپاقلىق، ئۆزئارا ھەمكارلىق يىلى قىلىپ، شۇ ئاساستا خىزمەتلىرىمىزنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىمىزدە يېڭى دولقۇن ھاسىل قىلىشنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىمىزنىڭ بىرى، دەپ قارايمەن. قېرىنداشلارنىڭ ۋە تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ بۇ مەسىلىگە ئېتىبار بىلەن قارىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
2022-يىلى 3-يانۋار