خىتاي ھەركۈنى تارىمدىن 100 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا

ئىشغالىيەتتىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي رېجىمى يېقىندىن بېرى ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، 2021-يىلى تارىم نېفىتلىكىدىن ھەركۈنى 100 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇغان.

خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان خەلق تورىنىڭ 4-يانۋاردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تارىم نېفىتلىكىنىڭ كۈندىلىك تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى 100 مىليون كۇب مېتىردىن ئاشقان. كۈندىلىك نېفىت-سۇيۇقلۇق مەھسۇلات مىقدارى 20 مىڭ توننىغا يەتكەن بولۇپ، 2020-يىلى نېفىت-گاز مەھسۇلات ئېكۋىۋالېنتىنى 30 مىليون توننىدىن ئاشۇرغان ئاساستا، 2021-يىلى نېفىت-گاز مەھسۇلات ئېكۋىۋالېنتىنى 31 مىليون 820 مىڭ توننىغا يەتكۈزگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىمدىن قېزىلغان تەبىئىي گاز ئۇدا بەش يىل بىر مىليون توننىدىن ئارتۇق ئېشىش ھالىتىنى ساقلىغان. تارىم نېفىتلىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ چوڭ نېفىتلىك، گازلىق بولۇپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش»تىكى ئاساسلىق گاز مەنبەسى بولۇپ كەلمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي 2021-يىلى ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» تۇرۇبا تورى 24 مىليارد 700 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، پۈتۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شەھەر-يېزىلارغا ئېلىپ كەتكەن.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالچىسى بولغان خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا نېفىتتىن باشقا ئالتۇن، پىلاتىنا، كۈمۈش، ئۇران ۋە كۆمۈر قاتارلىق نۇرغۇنلىغان يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى قىممەتلىك بايلىقلىرىمىزنى قېزىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1438 قېتىم كۆرۈلدى
06/01/2022 15:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق