تېسلانىڭ شەرقىي تۈركىستاندا دۇكان ئېچىشى كۈچلۈك نارازىلىقىغا دۇچ كەلدى

تېسلا شىركىتى 31-دېكابىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە مۇلازىمەت مەركىزى ئاچقان بولۇپ، ئاقساراي بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «خۇسۇسىي ئورگانلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇشى كېرەك» دېگەن.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك توغرىسىدا تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا توكلۇق ماشىنا ماگناتى تېسلانىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭى دۇكان ئېچىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ئاقساراي باياناتچىسى جېن ساكى چارشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ تېسلانىڭ ھەرىكىتىگە بىۋاسىتە باھا بەرمەيدىغانلىقىنى، ئەمما ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، خۇسۇسىي تارماقلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىن قىلىش جىنايىتىگە قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە: «خەلقئارا جەمئىيەت، جۈملىدىن ئاممىۋى ۋە خۇسۇسىي تارماقلار شەرقىي تۈركىساندا يۈز بەرگەن ئىشلارغا كۆز يۇمالمايدۇ» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى بولغان ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋىتى كېڭىشى تېسلانىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكىنى، تېسلانىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى» نى قوللىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ كومىتېت تۋىتتېر ھېساباتىدا ئۇچۇر يوللاپ، تېسلانىڭ قۇرغۇچىسى ئېلون ماسكنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دۇكىنىنى چوقۇم تاقىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تېسلا 31-دېكابىر ۋېيبو ھېساباتىدا ئۇچۇر يوللاپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى دۇكىنىنىڭ تىجارەت باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇچۇردا: «شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇنجى تېسلا مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يەردە سېتىش ۋە سېتىشتىن كېيىنكى يەتكۈزۈشنى بىرلەشتۈرىمىز. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىستېمالچىلارنىڭ بىر بېكەتلىك مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولۇشىغا ياردەم بېرىمىز ھەمدە تېسلانى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ غەربكە قىلغان ساياھەت مۇساپىسىدە يول باشلاشقا كاپالەت قىلىنىدۇ » دېيىلگەن. نۆۋەتتە تېسلا خىتايدا تەخمىنەن 30 تارماق دۇكان ئاچقان بولۇپ، تېسلانىڭ ئۈرۈمچىدىكى دۇكىنى ئېچىلىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئىمزا قويغان. قانۇندا ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە يەككە ئورۇنلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشىنى چەكلىگەن.

ئەنگلىيە سودا مەسلىھەتچىلىك شىركىتى خەلقئارا بازارشۇناسلىق شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئاللىسون ستېۋارت ئاللېن گېرمانىيە ئاۋازىغا: «تېخنىكىلىق جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئەگەر تېسلا شەرقىي تۈركىستاندا ياسالغان زاپچاسلارنى ئىشلەتمىسە ۋە ئۆزىنىڭ زاپچاسلىرىنىلا ساتسا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولمايدۇ» دېگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1324 قېتىم كۆرۈلدى
06/01/2022 15:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق