تالىبان زور مىقداردىكى ھاراقنى بىر تەرەپ قىلدى

ئافغانىستان ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تالىبان ئىسلام ئەمىرلىكى ئۈچ توننىغا يېقىن ھاراقنى قولغا چۈشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.

تالىبان باش ئىستىخبارات ئىدارىسى (GDI) تەرىپىدىن تارقىتىلغان سىندا بىر نەچچە خىزمەت فورمىسى كىيگەن تالىبان ئەمەلدارنىڭ بىر نەچچە كۈپ ھاراقنى دەرياغا تۆكۈۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ يېڭىدىن ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە باشلىغان تالىبان ھاكىمىيىتىنىڭ ھاراق سېتىش ۋە ئىستېمال قىلىشقا قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئىكەن.

تالىبان باش ئىستىخبارات ئىدارىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، پايتەختتىكى بىر رايوندا ئىجرا قىلىنغان ھەرىكەتتە ئۈچ توننا ھاراقنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى، بۇنىڭغا ئالاقىدار ئۈچ كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇندىن باشقا سىندا بىر دىنىي زاتنىڭ: «مۇسۇلماننىڭ ھاراق ياساش ۋە تەمىنلەشتىن ساقلىشىنى كېرەك» دەپ ئاگاھلاندۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، غەربنىڭ قوللىشىدىكى سابىق ئافغانىستان ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە ھاراق سېتىش ۋە ئىستېمال قىلىش چەكلىگەن. ئەمما ئىسلام پىرىنسىپلىرىغا قاتتىق رىئايە قىلىدىغان تالىبان ھاكىمىيىتى ئاۋغۇست ئېيىدا ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن باشلاپ، بۇ ھەقتىكى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4543 قېتىم كۆرۈلدى
04/01/2022 15:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق