ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇنى خىتاينى داۋاملىق بىئارام قىلماقتا

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئىمزالاپ رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» خىتاي رېجىمىنى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، ئالدىنقى كۈنلەردە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىمۇ بۇنىڭغا قارشى بايانات ئېلان قىلغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى 31-دېكابىر «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»غا قارشى نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلغان. باياناتتا: «ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ، سىياسىي قۇتراتقۇلۇق ۋە ئىقتىسادىي زومىگەرلىك قىلدى. «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى»گە ئىمزا قويۇپ قانۇنغا ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلدى» دەپ بىلجىرلىغان.

باياناتتا يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلغانلىقى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مىللىي مەدەنىيىتى، تىل-يېزىقىغا ھۆرمەت قىلغانلىقى دەۋا قىلىنغان.

يېقىنقى بەش يىلدىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئاتالمىش «يېزا ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، «نامراتلارنى يۆلەش» قاتارلىق ناملار بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي ئۆلكىلىرى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا رايونلىرىغا سۈرگۈن قىلىش قىلمىشلىرى خەلقئارا جەمئىيەتكە كۈچلۈك پاكىتلار بىلەن ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي يەنىلا يالغان تەشۋىقاتلىرى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنماقتا.

بۇندىن ئىلگىرى خىتاي تەشۋىقاتلىرىنىڭ يالغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ تېخىمۇ كۆلەملەشكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلار ئاشكارىلانغان بولۇپ، مەجبۇرى ئەمگەك لاگېرلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ باشقۇرۇلىدىغانلىقى، ئۇلارنى باشتىن-ئاخىر ساقچىلارنىڭ نازارەت قىلىدىغانلىقى، ھەركۈنى دېگۈدەك ئاتالمىش «سىياسىي تەربىيە»گە قاتنىشىشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.

بۇ يىل 9-ئايدا خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدا ئېيتىلىشىچە، پەقەت خوتەن ۋىلايىتى بويىچىلا بەش يىل ئىچىدە خەلق ئاتالمىش «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامى بىلەن ناھىيە-يېزىلاردىن 14 مىليون 333 مىڭ ئادەم قېتىم باشقا يۇرتقا سۈرگۈن قىلىنغان. ئاتالمىش «نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا 2 مىليون 350 مىڭغا يېقىن ئادەم مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

بۇ بەش يىل داۋامىدا شەرقىي تۈركىستاندا زاۋۇت-كارخانىلار كۆپلەپ قۇرۇلغان بولۇپ، ناھىيەلەردە كارخانا رايونى، يېزا-بازارلاردا زاۋۇت رايونى، كەنتلەردە زاۋۇت رايونى، ئائىلىلەردە تۆتىنچى دەرىجىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئورنى قۇرۇلمىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، خەلق ئاتالمىش «نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»نامىدا مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى 23-دېكابىر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسىنى رەسمىي ماقۇللىغان بولۇپ، قانۇندا شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن بارلىق ماللار مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى دەپ قارىلىدىغانلىقى بېكىتىلگەنىدى. خىتاي بۇنىڭغا قارشى تۈرلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى ۋە يالغان تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1417 قېتىم كۆرۈلدى
04/01/2022 14:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق