خەلقئارالىق ئىسلامىي تەشكىلات «دۇنيا ئىماملار كېڭىشى» ئالدىنقى ھەپتە بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى.
مەزكۇر باياناتتا دۇنيا ئىماملار كېڭىشىنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقى، خىتاي رېجىمىنىڭ باستۇرۇش، قىيىن-قىستاق ۋە دىكتاتورىلىق قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقەللىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.
دۇنيا ئىماملار كېڭىشى باياناتىدا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا قاتنىشىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى ھەققىدە پەتىۋا چىقارغانلىقىنى، بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئېتنىك تازىلاش يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي رېجىمىنىڭ نىشانى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى، ھەرقايسى تەشكىلاتلارنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان.
دۇنيا ئىماملار كېڭىشى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆلىمالاردىن تەشكىللەنگەن ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات بولۇپ، نۆۋەتتە مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بار. ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىدىن دوكتور ئالىمجان بۇغدا بىلەن ئۇستاز تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن 2020-يىلى 9-ئايدا دۇنيا ئىماملار كېڭىشى مەسلىھەت كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغانىدى.
نۆۋەتتە ئىدرىس ھەسەننى قۇتۇلدۇرۇش، بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە خەلقئارادىكى كۆپلىگەن ئىسلامىي تەشكىلاتلار ھەرىكەتكە ئۆتمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم