خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇلاڭ-تالاڭ قاتناش لىنىيەسىنى داۋاملىق كېڭەيتمەكتە

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان تەبىئىي بايلىق ۋە مەھسۇلاتلارنى توشۇشنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن، قاتناش قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە كۈچەۋاتقان بولۇپ، يېقىندا يەنە لوپنۇر-چاقىلىق، چاقىلىق-نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلانغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، لوپنۇر-چاقىلىق، چاقىلىق-نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا 30-دېكابىر قاتناش باشلانغان. لوپنۇر-چاقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بېيجىڭ-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G7)نىڭ تۇتاشما لىنىيەسى بولغان ئۈرۈمچى-چاقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G0711)نىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەن. لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 357 كىلومېتىردىن ئوشۇق بولۇپ، لوپنۇر ناھىيەسىدىن باشلىنىپ، چاقىلىق ناھىيەسىدە ئاخىرلىشىدىكەن. بۇ تۈردە قاتناش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، كورلىدىن چارقىلىققىچە بولغان سەپەر ۋاقتى ئەسلىدىكى توققۇز سائەت ئەتراپىدىن ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتقا قىسقارغان.

چاقىلىق-نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بېيجىڭ-تىبەت يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G6)نىڭ تۇتاشما لىنىيەسى بولغان شىنىڭ-خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (G0612)نىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەن. لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 530 كىلومېتىر بولۇپ، چاقىلىق ناھىيەسىدىن باشلىنىپ، نىيە ناھىيەسىدە ئاخىرلىشىدىكەن. بۇ تۈردە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، چاقىلىقتىن نىيەگىچە بولغان سەپەر ۋاقتى ئون سائەتتىن تۆت يېرىم سائەتكە قىسقارغان.

خىتاينىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارلىرى بۇ ھەقتە توختىلىپ، لوپنۇر-چاقىلىق، چاقىلىق-نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى مۇھىم يول بۆلىكى ئىكەنلىكىنى، بۇ تۈردە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، لوپنۇر، نىيە، چەرچەن، چاقىلىقنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بىلەن تۇتىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان بايلىقلار ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى كۆپلەپ توشۇش، خىتاي كۆچمەنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا جەلپ قىلىش ئۈچۈن، تۈرلۈك قاتناش قۇرۇلۇشىغا زور كۆلەمدە خىراجەت ئاجراتقان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاينىڭ قارىتىلغان تۈرلۈك جازالارنىڭ داۋاملىشىشىغا قارىماي، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار خىتاينىڭ ئىچى-سىرتىغا كۆپلەپ توشۇلماقتا. جۈملىدىن ئالدىنقى 11 ئايدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى چېگرا ئېغىزلىرىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارىتىلغان ئىمپورت-ئېكسپورت سودا سوممىسى 261 مىليارد 820 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئاشقان ۋە بۇنىڭدا شەرقىي تۈركىستاندىكى قاتناش لىنىيەسىنىڭ داۋاملىق كېڭەيتىلىشىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1381 قېتىم كۆرۈلدى
03/01/2022 10:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق