ما شىڭرۈي: مەكتەپلەردە سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارلىقىغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ما شىڭرۈي بىلەن مۇۋەققەت قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنىياز بىرلىكتە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇ ئاتالمىش «سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسى»نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ما شىڭرۈي 29-، 30-دېكابىر كۈنلىرى قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى بىر قىسىم جايلاردا خىزمەت تەكشۈرگەن بولۇپ، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى، ئاقتۇ ناھىيەلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى، كونىشەھەر ناھىيەسى، توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىق مەكتەپ ۋە ئورگانلارنى زىيارەت قىلغان. ئۇ بۇ جەرياندا «تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى، دېھقان-چارۋىچىلارنى كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش، ئاساسىي مائارىپتا ئىدىيەۋى سىياسىي تەربىيە، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش» دېگەن سىياسىي ئىبارىلەرنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك، جازا لاگېرى ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ داۋاملىق چىڭ تۇتۇلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان.

خەۋەردە ماشىڭرۈي ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى خىتايچە ئىسىم قويۇلغان كوئىنلۇن جيايۈەن يېڭى مەھەللىسىنى زىيارەت قىلغانلىقى، مەزكۇر رايوندا ئاتالمىش «نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش» نامىدا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن 1665 ئائىلىلىك 6640  چارۋىچى بارلىقى تىلغا ئېلىنغان. بىراق مەزكۇر ئائىلىلىكلەرنىڭ قەيەردىن سۈرگۈن قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

ماشىڭرۈي بۇ قېتىملىق زىيارەتلىرىدە ئوخشىمىغان ساھەلەردە خىتاي سىياسىتىگە ئاساسەن ئىجرا قىلىنىۋاتقان خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەن بولۇپ، ئۇ چېن چۈەنگو دەۋرىدىكى تۈرلۈك ناملار ئاستىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە  بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئىجرا قىلىشنى تەكىتلىگەن.

خىتاي رېجىمىنىڭ چېن چۈەنگونىڭ ئورنىغا ما شىڭرۈينى تۇيۇقسىز ئالماشتۇرۇشى خەلقئارا جەمئىيەتتە دىققەت قوزغىغان بولۇپ، نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردا كۆپلەپ خەۋەر قىلىندى. نۆۋەتتە خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ھەققىدە تۈرلۈك ئانالىزلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1583 قېتىم كۆرۈلدى
01/01/2022 14:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق