ئافغانىستاننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ئەشرەف غەنى ئاۋغۇست ئېيىدا پايتەخت كابۇلدىن قېچىپ چىققاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم سۈكۈتنى بۇزغان بولۇپ، قېچىش سەۋەبلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلىدى.
ئەشرەف غەنى BBC نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ھەمدۇللاھ مۇھىب ۋە پىرېزىدېنت بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل كىشىنىڭ تەكلىپى بىلەن تىك ئۇچار ئارقىلىق كابۇلدىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئەلجەزىرە تورنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەشرەف غەنى ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ: «پىرېزىدېنتى قوغداش ئاپپاراتلىرى ۋەيران بولدى. ئەگەر سىز بۇ مەسىلىدە كەسكىن قارار چىقارمىسىڭىز، تالىبانلار ھەممىمىزنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ» دېگەنلىكىنى، ئۇنىڭغا ئىككى مىنۇتمۇ ۋاقىت بەرمەستىن ئالدىراتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە مۇخبىرغا : «بىزنىڭ ئۇچۇشىمىز بىلەنلا ئافغانىستاندىن ئايرىلىدىغانلىقىمىز ئايان بولدى. ھەممە ئىش ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق بولدى. ئىلگىرىكى خوست ياكى جالالئابادقا بېرىش پىلانىم بىكار قىلىندى. چۈنكى ماڭا بۇ ئىككى شەھەرنىڭمۇ قولدىن كەتكەنلىكى ئېيتىلغانىدى» دېگەن.
ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى سەپىرىنىڭ پىلانلانمىغان ئەھۋال ئاستىدا باشلانغانلىقىنى، ھەتتا شۇ كۈنى ئافغانىستاندىن ئايرىلىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ شەھەردە قان تۆكۈلۈش يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ يىل 15-ئاۋغۇست تالىبان قىسمى ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلنى قورشاۋغا ئېلىپ، ئافغانىستاندىكى بارلىق شەھەرلەرنى كونترول قىلغاندىن كېيىنلا، ئەشرەف غەنى كابۇلدىن قېچىپ كەتكەنىدى. تالىبان ۋەكىللىرى ئەينى ۋاقىتتا ئۆزلىرىنىڭ بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئەشرەف غەنىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىلىرى تالىبانلارنىڭ كابۇلغا ھۇجۇم قىلماسلىق ئەھدىسىدىن يېنىۋالغانلىقىنى ئېيتقان.
ئەشرەف غەنى ئۇنى ئەيىبلەيدىغان ۋە ئۇنى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئافغانىستانلىقلارغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئافغانىستان پىرېزىدېنتى بولغان ۋاقىتتىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقىنىڭ ئافغانىستاننىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا ئارتۇقچە تايىنىۋېلىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇخبىرغا: «يۈز بەرگەن ئىشلار ئۈچۈن ئافغانىستان خەلقىنىڭ مېنى ئەيىبلەش ھەققى بار، ئەمما مەن خەلقئارا ھەمكارلىققا ئىشەندىم ۋە بۇ يولدا ماڭدىم. ھەممىمىز خەلقئارا جەمئىيەت ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرىدۇ، دەپ پەرەز قىلىپ، ناھايىتى چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزدۇق» دېگەن.
ئەشرەف غەنى ئامېرىكىنى ئەيىبلەپ، تالىبانلار بىلەن ئۇزۇن يىللىق تىنچلىق سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى تاشلاپ قويغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ تىنچلىق ئەلچىسى زالماي خەلىلزاد بىلەن ئىمزالانغان كېلىشىملىرىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن ئوڭۇشلۇق چېكىنىشى ئۈچۈن پۈتۈنلەي تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى، مەسئۇلىيەتنىڭ ئامېرىكىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە: «بىزگە ئەزەلدىن تالىبانلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ سۆھبەت قىلىش پۇرسىتى بېرىلمىدى. بۇ ۋەزىپىنى ئەلچى خەلىلزاد ئۈستىگە ئالدى. بۇ ئافغانىستان مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا مەسىلىسىگە ئايلاندى. بىز نەزەردىن ساقىت قىلىندۇق» دېگەن.
ئەشرەف غەنى: «مېنىڭ خىزمىتىم ۋەيران قىلىندى، قىممەت قارىشىم دەپسەندە قىلىندى. ئۆزۈمنىڭ قۇربانلىق قوي بولۇپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم» دەپ ئېچىنىشىنى ئىپادىلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ