خىتاي تۈرلۈك سۆھبەت يىغىنلىرى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنماقتا

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى رەسمىي ماقۇللىغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭغا قارشى يۈرۈشلۈك سۆھبەت يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنماقتا.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئالدىنقى ھەپتە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى»گە ئىمزا قويغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش رەسمىي قانۇنلاشتۇرۇلغان. خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى خەلق تورىنىڭ 29-دېكابىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر قانۇندىن قاتتىق بىئارام بولغان خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئەمەلدارلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلىغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئالدىنقى كۈنلىرى ئاتالمىش «ئەمگەك ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش» نامىدا يۈرۈشلۈك سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىنغا ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى قاتناشتۇرۇپ، بىردەك يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزگەن. ئۇلار خىتاي رېجىمى تەكرارلاپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ ساختا ئۇچۇرلىرىنى ئاساس قىلىپ، مەزكۇر قانۇنغا ئىمزا قويۇپ قانۇنلاشتۇرغانلىقى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى كۆرمەسكە سالغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار كارخانىلار ۋە مەھسۇلاتلارنى جازالىشىنىڭ، ماھىيەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغانلىقىدەك ساختا تەشۋىقات ئىبارىلىرىنى تەكرارلىغان.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن ئۆز يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىپ، باشقا يەرلەردە مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا. شۇنداقلا يۇقىرى مائاش، ھەقسىز ئۆي، ھەقسىز يەر بېرىش تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق، خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ يەرلەشتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي نوپۇسىنى ئاشۇرماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق، بۇنىڭغا چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرى ۋە ئورگانلىرىنى جازالىغانلىقىنى، نۇرغۇن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بۇ سەۋەبلىك ۋەيران بولغانلىقىنى، ھالبۇكى، خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنى توختاتمايلا قالماستىن، يالغان تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتىپ، جىنايىتىدىن تېنىشقا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1386 قېتىم كۆرۈلدى
31/12/2021 16:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق