خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارادا تېخىمۇ كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ياۋروپادا زىيارەتتە بولدى.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزى، گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ۋەقفى رەئىسى ئابدۇراھمان ئابدۇللاھ قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت 28-دېكابىر گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولدى.
ھەيئەت 28-دېكابىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات يۇرۇڭقاشتىن تەشكىللەنگەن د ئۇ ق ھەيئىتى بىلەن بىرلىكتە، گېرمانىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئىسلام جامائىتى مىللىي گۆرۈش (مەپكۇرە) تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىدە ئېچىلغان ئىستراتېگىيەلىك يىغىنغا ئىشتىراك قىلدى. يىغىندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسەتلىرى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تەدبىرلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى كەمال ئەرگۈن فېيسبۇك سەھىپىسىدە مەزكۇر يىغىن توغرۇلۇق ئۇچۇر يوللاپ: «ئۇيغۇر تۈركلىرى يوقىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر تۈركلىرىنى بۇ كىرىزىستىن ساق-سالامەت قۇتۇلدۇرۇش مەقسىتىدە، مەركىزىمىزدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك يىغىلىش قىلدۇق» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
ئىككى ھەيئەت يەنە گېرمانىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات مەركىزى ۋە شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى. ھەيئەتنى شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى، پېشقەدەم پائالىيەتچى ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندى ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 10-ئايدا بوسنىيەدە ئېچىلغان 4-نۆۋەتلىك مىللىي بىرلىك شۇراسىدا مىللىي گۆرۈش تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا، ھەمكارلىشىشقا قوشۇلغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە گېرمانىيەدە مەزكۇر يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ