ھىندىستان تاراتقۇسى: خىتاي تىبەت ئۆسمۈرلىرىنى يىغىۋېلىپ ھەربىي مەشىققە سالماقتا

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلغان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە باشقا تېررور سىياسەتلىرىنى تىبەتتىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىجرا قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، تىبەت ئۆسمۈرلىرىنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ، ياتاقلىق مەكتەپلەرگە سولاش ئارقىلىق تۈرلۈك مەقسەتلەردە تەربىيەلەشكە باشلىغان.

ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ 25-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تىبەت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى يېقىندا «تىبەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى» سەرلەۋھەلىك دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، تىبەتتە ياتاقلىق مەكتەپلەرنى كۆپلەپ قۇرغان ۋە تىبەت ئۆسمۈرلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن، ئائىلىسىدىن، ئانا تىلى ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىدىن پۈتۈنلەي ئايرىپ تەربىيەلىگەن.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي تىبەتتىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، بىر راھىب دالاي لامانىڭ تەلىماتىنى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. يەنە بىر راھىب خىتاي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان. دائىرىلەر ئۇنىڭ ئەھۋالى ۋە سوتلانغان كۈنىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىمىغان.

ئۇندىن باشقا سۈرگۈندىكى تىبەت تەشكىلاتى تىبەت ھەرىكەت مەركىزى يېقىندا «ئائىلىدىن ۋە دۇنيادىن ئايرىلىش» سەرلەۋھەلىك دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا خىتاي تەسىس قىلغان ياتاقلىق مەكتەپلەردىكى دەرسلەرنىڭ خىتاي تىلىدا ئۆتۈلىدىغانلىقى، كۈچلۈك سىياسىي تەربىيە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان بولۇپ، بۇ مەكتەپلەر خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «تىبەتلەرنى مائارىپ بىلەن تەمىنلەشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى» دەپ پەردازلانغان. دوكلاتتا خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭ تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «مىللەتلەر ئارىسىدىكى پەرقنى يوقىتىش ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان تەھدىتىنى يوقىتىش»نى مەقسەت قىلغان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى تەكىتلەپ ئۆتۈلگەن.

تىبەت تەشكىلاتلىرى مەزكۇر ياتاقلىق مەكتەپلەرنى خىتاينىڭ «مۇستەملىكە تۈرى» دەپ ئاتىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ مەكتەپلەردە 18 ياشتىن تۆۋەن تەخمىنەن 800 مىڭ تىبەت ئۆسمۈر بار ئىكەن. بۇ بالىلار ئائىلىسىدىن ۋە يۇرتىدىن ئايرىلىش سەۋەبلىك پىسخىكىسىمۇ زەربىگە ئۇچرىغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى پۈتكۈل تىبەت خەلقىگە ۋە تىبەت كىملىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن.

مەلۇم بىر تىبەت ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تىبەتنىڭ شەرقىدىكى خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە تۆت ياشتىن چوڭ بالىلارنىڭ ياتاقلىق مەكتەپتە تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ياتاقلىق مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى خىتايچە سۆزلەيدىكەن، دەرسلىكلەرنىڭ ھەممىسى خىتايچە ئىكەن. ئۇلار باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندە، پۈتۈنلەي دېگۈدەك تىبەت تىلىنى سۆزلىيەلمەيدىغان ھالەتكە كېلىدىكەن.

ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ تىبەت ئۆسمۈرلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپلا قالماي، ھەربىي مەشىققە سالغانلىقى، بۇ ئارقىلىق ھەربىي قىسمىنى تولۇقلىماقچى بولغانلىقى قەيت قىلىنغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ مەزكۇر خەۋىرىنى «يالغان، پۈتۈنلەي ئويدۇرما» دەپ ئىنكار قىلغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 806 قېتىم كۆرۈلدى
28/12/2021 16:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق