ما شىڭرۈي خىتاي رېجىمىنىڭ سىياسىتىنى تولۇق ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارلىقىغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ما شىڭرۈي خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى «ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىدىغانلىقى»نى تەكىتلىدى.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ما شىڭرۈي 27-دېكابىر قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز بىلەن بىرلىكتە، ئۈرۈمچىدە بىر قىسىم جايلارنى كۆزدىن كەچۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ما شىڭرۈي شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى كۆرسەتمىلىرىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى»نى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقە ئورنىتىش، بىرىكىپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاي رېجىمى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ پەردازلاپ ئېيتىلىشى بولغان ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» ئىبارىسىنى، شۇنداقلا «ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى چىڭ تۇتۇش» سىياسىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

خىتاي رېجىمى 25-دېكابىر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ باش ئىجراچىسى چېن چۈەنگونىڭ ئورنىغا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ما شىڭرۈي ئالماشتۇرغان بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانىدى. گەرچە بىر قىسىم ئانالىزچىلار خىتاينىڭ ئەمەلدار ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىتىنى يۇمشىتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم ئانالىزچىلار، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى، ئاكادېمىكلىرى خىتاينىڭ ئۇزۇن يىل پىلانلاش ۋە غايەت زور خىراجەت ئاجرىتىش ئارقىلىق ئىجرا قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررور سىياسىتىدە كۆپ ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1298 قېتىم كۆرۈلدى
28/12/2021 13:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق