مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى داۋاملىق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا توشۇلماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق تېررور سىياسىتى سەۋەبلىك بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ، جۈملىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازاسىغا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاندىن ياۋروپاغا ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان ماللار داۋاملىق كۆپەيگەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە،  ئالدىنقى 11 ئايدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى چېگرا ئېغىزلىرىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارىتىلغان ئىمپورت-ئېكسپورت سودا سوممىسى 261 مىليارد 820 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت سودا سوممىسى 197 مىليارد 910 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.7 ئاشقان. ئىمپورت سودا سوممىسى 63 مىليارد 910 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.6 ئاشقان.

خەۋەردە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارىتىلغان سودىسىدا ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە، شەرقىي تۈركىستاندىن ياۋروپاغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزنىڭ كۆپەيتىلىشى، ماشىنا-ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتقا تۈرتكە بولغانلىقى، پاكىز ئېنېرگىيەگە ئالاقىدار ئۈسكۈنە ۋە مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشنىڭ باشلانغانلىقى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئالدىنقى 11 ئايدا شەرقىي تۈركىستان چېگراسى ئارقىلىق كىرىپ-چىققان ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 11 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق قاتنىغان، يۈك توشۇش مىقدارى 1 مىليون 73 مىڭ توننىغا يەتكەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن %30 ئاشقان. گېرمانىيە، پولشا، گوللاندىيە، فىرانسىيە، ۋېنگىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت سودا سوممىسىدا كۆرۈنەرلىك ئېشىش كۆرۈلگەن.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر پارچىسى بولغان مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈنتەرتىپكە كەلگەندىن بېرى، خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش سادالىرى داۋاملىق كۈچەيمەكتە. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېننىڭ 23-دېكابىر «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى»گە ئىمزا قويۇپ، رەسمىي قانۇنغا ئايلاندۇرۇشى خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىگە بېرىلگەن ئەڭ كۈچلۈك زەربە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گەرچە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبلىك، بىر قىسىم جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى كۆپلىگەن شىركەتلەر خىتاي بىلەن سودا ئالاقىسىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇ يىل 9-ئايدا باش ئىشتابى بېرلىنغا جايلاشقان ياۋروپا ئاساسىي قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى (ECCHR) فېدېراتىپ سوت مەھكىمىسىگە 96 بەتلىك ئەيىبنامە سۇنۇپ، گېرمانىيەنىڭ بىر نەچچە داڭلىق مودا كىيىم پارچە سېتىش شىركەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك پايدا ئالدى، دەپ ئەيىبلىگەنىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1165 قېتىم كۆرۈلدى
27/12/2021 14:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق