شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئىككى كۈن داۋاملاشقان 8-قېتىملىق شۇرا يىغىنى 26-دېكابىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ يۈزگە يېقىن ئەزاسىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن كونيادا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىننىڭ يېپىلىش نۇتقىنى بىرلىكنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزى ئوقۇپ ئۆتتى.
ئۇ ئالدى بىلەن ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ 2021-يىلى بىر يىل ئىچىدە ئەمەلىيلەشتۈرگەن خىزمەت ئەھۋالىنى خۇلاسىلەپ، قىسقىچە دوكلات بەردى. ئارقىدىن بىرلىكنىڭ 2022- يىلى دەۋەت، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، نەشرىيات، ئىجتىمائىي ياردەم قاتارلىق ساھەلەردە ئورۇندىماقچى بولغان خىزمەت پىلانلىرىنى ئېلان قىلدى.
بىرلىكنىڭ رەئىسى ئاتاۋۇللاھ شاھيار سۆز قىلىپ، ئىككى كۈن داۋاملاشقان بۇ قېتىملىق يىغىنىنىڭ بىرلىكنىڭ يېپىق ھالەتتە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنى ئىكەنلىكىنى، خەلققە ئېچىۋېتىلگەن يىغىنىنىڭ پات يېقىندا ئىستانبۇلدا ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پىروفېسسور جەلال ئەرباي بىلەن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچانمۇ سۆز قىلىپ، ئۆلىمالار بىرلىكى شۇرا يىغىنىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئېچىلغانلىقىنى، پىلان ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ ئەتراپلىق بولغانلىقىنى، بۇ يىغىننىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن مەنپەئەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاخىرىدا ئۇستاز ئاتاۋۇللاھ خەلپەتھاجىم سۆز قىلىپ، ئۆلىمالارنىڭ پەيغەمبەر ۋارىسلىرى ئىكەنلىكىنى، بارلىق ئۆلىمالارنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەت ۋە رايونغا قايتقاندىن كېيىن، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا خىتاينىڭ ھالاكىتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىندى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ