ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ باش ئىجراچىسى چېن چۈەنگو ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررور سىياسىتىنىڭ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ باش ئىجراچىسى چېن چۈەنگو بارلىق ۋەزىپىلىرىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئورنىغا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ما شىڭرۈي ئالماشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ يېڭى قارار چىقارغانلىقى، بۇندىن كېيىن چېن چۈەنگونىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى، دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەيدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئورنىدا ما شىڭرۈينىڭ يۇقىرىقى ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

بۇنىڭ بىلەن 2016-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن تارتىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى باش بولۇپ ئىجرا قىلغان، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن، قولى مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قېنى بىلەن بويالغان چېن چۈەنگونىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقان. خەۋەردە ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئالماشتۇرۇۋېتىلگەنلىكى، بۇندىن كېيىن قانداق ۋەزىپىگە قويۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارلىقىغا تەيىنلەنگەن ما شىڭرۈي خىتاي مىللىتىدىن بولۇپ، 1959-يىلى خېيلۇڭجياڭدا تۇغۇلغان. ئۇ بۇرۇن خىتايدىكى تۈرلۈك تەتقىقات، ئاكادېمىك ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغاندىن سىرت، 2013-يىلىدىن باشلاپ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتە ئوخشىمىغان ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، 2017-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، ئۆلكە باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ بۇلتۇر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ھەيئەتنى باشلاپ، شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئاتالمىش «نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى»نى تەكشۈرگەن.

خىتاي يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەمەلدارلىرىنى زور دەرىجىدە تەڭشىگەن بولۇپ، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق رەئىسى شۆھرەت زاكىرمۇ 30-سېنتەبىر ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا سورىغان ۋە ئورنىغا ئەركىن تۇنىياز مۇۋەققەت رەئىس بولۇپ تەيىنلەنگەنىدى.

خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ قارارى نۆۋەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىتى ۋە كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە تۈرلۈك پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى رەسمىي ئىمزالاپ، ئىككى كۈندىن كېيىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ئەمەلدارىنى ئالماشتۇرۇشى تېخىمۇ دىققەت قوزغىماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1483 قېتىم كۆرۈلدى
25/12/2021 15:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق