خىتاي ساختا ئارخېئولوگىيەلىك مەلۇماتلار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى بۇرمىلىماقتا

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىجرا قىلىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى بۇرمىلاش ۋە ئۆزگەرتىشكە كۈچەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا ئېرىشكەن ئاتالمىش «ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى»نى دەلىل-ئىسپات سۈپىتىدە ئالاھىدە تەشۋىق قىلماقتا.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە خىتاينىڭ تۆت ئارخېئولوگىيە ئەترىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى، بۇ يىل پىلانغا ئاساسەن ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش تۈرىدىن 17نى يولغا قويۇپ، 80 مىڭ كىۋادرات مېتىر يەرنى چارلاپ تەكشۈرگەنلىكى، تۈرلۈك مەدەنىيەت يادىكارلىقىدىن نەچچە مىڭنى قېزىپ چىققانلىقى قەيت قىلىنغان.

خەۋەردە بۈگۈر كۈيۈك شەھەر قەدىمىي شەھىرى، زوركۈت قەدىمىي شەھىرى، كۇچا ئۇچتۇر قەدىمىي شەھىرى، كورلا ئۈزگەن قەدىمىي شەھىرى، بورتالا دالتۇ قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق شەھەر يادىكارلىق ئورۇنلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن خىتايدىكى سۇلالىلەرنىڭ باشتىن-ئاخىر قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەنلىكى، بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىيەت ئەندىزىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئىسپات بولىدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تېپىلغان قەدىمىي يادىكارلىقلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كۆپ مىللەتنىڭ يۇغۇرۇلغانلىقىنى، كۆپ خىل دىننىڭ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى دەۋا قىلغاندىن سىرت، قومۇل ۋىلايىتىدىن سەددىچىن سېپىلى يادىكارلىقلىرى بايقالغانلىقى، بۇنىڭ تاڭ سۇلالىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بىر تۇتاش باشقۇرغانلىقىغا ئىسپات بولىدىغانلىقى ھەققىدە بىلجىرلىغان.

خەۋەردە يەنە: «تارىخىي يادىكارلىقلار شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت ئالماشقان، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان جاي ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى» دېگەن نومۇسسىز ئىبارىلەر ئورۇن ئالغان.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكە جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئىلگىرى ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابلىرىدا «ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن قىلىپ كەلگەن دىن ئەمەسلىكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ياشاپ كەلگەن زېمىن ئەمەسلىكى»دە رەزىل بايانلارنى كۆپلەپ تەكىتلەپ كەلمەكتە. پۈتۈنلەي خىتاي ئىشغالىيەتچى رېجىمى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش تەتقىقاتچىلار ۋە تەشۋىقات ئورگانلىرىمۇ خىتاينىڭ سىياسىتىگە ماس ھالدا يالغان تارىخ، يالغان ئىسپات ئويدۇرۇپ چىقىشنى كۈچەيتمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1183 قېتىم كۆرۈلدى
25/12/2021 15:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق