ئەقسا مەسچىتى ئىمامى: ماراكەش ئىدرىس ھەسەننى قايتۇرماسلىقى كېرەك

ئەقسا مەسچىتىنىڭ ئىمامى دوكتور ئىكرەمە سەبرىي تىۋىتتېر ھېسابىدا ماراكەش ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىپ، ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىردى.

دوكتور ئىكرەمە تىۋىتتېر ئۇچۇرىدا: «ئەگەر بىر مۇشرىك مۇسۇلماندىن پاناھلىق تىلىسە، مۇسۇلماننىڭ ئۇ مۇشرىكنى ھىمايە قىلىشى، قوغدىشى ۋە ئۇنى بىخەتەر جايغا يەتكۈزۈپ قويۇشى ۋاجىپ بولىدۇ. ئۇنداقتا بىر مۇسۇلمان يەنە بىر  مۇسۇلمان قېرىندىشىدىن پاناھلىق تىلىسىچۇ؟! بىز مۇبارەك مەسجىدى ئەقسادىن ماراكەشنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىنى تۈركىستانلىق مۇسۇلمان ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇش قارارىدىن يېنىشقا چاقىرىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ماراكەش دائىرىلىرى ئالدىنقى ھەپتە  ئۇيغۇر ياش ئىدرىس ھەسەننى خىتاي قايتۇرۇش ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلە خەلقئارادا قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلگەن بولۇپ، ئىسلام دۇنياسىدىكى مەشھۇر ئۆلىمالار، ئىسلامىي تەشكىلاتلار، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىغا خىتاب قىلىپ، ماراكەش دائىرىلىرىدىن ئىدرىس ھەسەننى قايتۇرۇۋەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلغانىدى، شۇنداقلا بىر قىسىم نوپۇزلۇق ئۆلىمالار ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ھەققىدە كەسكىن پەتىۋا بەرگەنىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قىيىن-قىستاققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى دۈشەنبە ئىدرىس ھەسەن توغرىسىدا ۋاقىتلىق تەدبىر ئېلان قىلىپ، ماراكەش ھۆكۈمىتىدىن ئىدرىس ھەسەننى قايتۇرۇۋەتمەسلىكنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ماراكەش مەزكۇر كومىتېتقا ئەزا ئىكەن.

نۆۋەتتە ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئىدرىس ھەسەننى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك تىرىشچانلىقلار داۋاملاشماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 4208 قېتىم كۆرۈلدى
24/12/2021 15:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق