خىتاي ئىستاتىستىكىلىق تەپتىش گۇرۇپپىسىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتتى

خىتاي مەركىزىي ئىستاتىستىكا ئىدارىسى نازارەت قىلىش، تەپتىش قىلىش گۇرۇپپىسىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتكەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىستاتىستىكىلىق نازارەت قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش مەقسىتىدە، مەركىزىي ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2021-يىللىق 9-ئىستاتىستىكىنى نازارەت قىلىش، تەپتىش قىلىش گۇرۇپپىسىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتكەن. مەزكۇر تەپتىش گۇرۇپپىسى 20-دېكابىر ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتى، دىۋىزىيە پارتىيە كومىتېتى بىلەن ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇشقا ئائىت يىغىن ئاچقان بولۇپ، چېن چۈەنگو، قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار قاتناشقان.

مەزكۇر گۇرۇپپا يىغىندا خىتاي مەركىزىي ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىنى نازارەت قىلىش ھەققىدىكى تەلەپ، بۇيرۇقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر تەپتىش قىلىش گۇرۇپپىسى شەرقىي تۈركىستاندا سەككىز كۈن تۇرۇپ، ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارنى نازارەت ۋە تەپتىش قىلىدىكەن.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، تېررور سىياسىتىنى ئاقلاشتا ئىزچىل ھالدا سانلىق مەلۇماتلاردىن كۈچلۈك تەرىقىدە پايدىلىنىپ كەلگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نوپۇسى ئاشقانلىقى، تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىقى ھەققىدىكى يالغان سانلىق-مەلۇماتلارنى دەلىل-ئىسپات سۈپىتىدە قوللانماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ تۈرلۈك ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارنى ئالاھىدە كونترول قىلىپ كەلگەنلىكىنى، بولۇپمۇ دۇنيا كۈنتەرتىپىدە تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كۈتكىنىدەك ھالەتتە بولۇشى ئۈچۈن، نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشكە ئالاھىدە كۈچەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1261 قېتىم كۆرۈلدى
23/12/2021 12:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق