خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان پاختىسىغا تايىنىشى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە

خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى سەۋەبلىك، خەلقئارالىق بېسىم بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستان يەنىلا خىتاينىڭ ئەڭ ئاساسلىق پاختا مەنبەسى بولماقتا.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاختا ھوسۇلى جەمئىي 5 مىليون 129 مىڭ توننا بولۇپ، خىتاي كونتروللۇقىدىكى پاختا ھوسۇلىنىڭ %90ىگە يېقىننى ئىگىلىگەن. شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاختا ھوسۇلى ئۇدا تۆت يىل 5 مىليون توننىدىن يۇقىرى ھالەتنى ساقلىغان بولۇپ، خىتاي بويىچە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۇدا بەش يىل %80 تىن ئاشقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى پاختا ئىشلەپچىقىرىشنى كۆپ ھوسۇل بېرىدىغان ناھىيە، شەھەرلەرگە نۇقتىلىق مەركەزلەشتۈرگەن بولۇپ، پاختا سورتىنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈشكە كۈچىگەن. پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بويىچە كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 2 مىليون 500 مىڭ گېكتاردىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4200 گېكتار كۆپەيگەن.

خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ تەمىنلەش زەنجىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتكەنلىكى تىلغا ئېلىنغاندىن سىرت، «پاختىنى ماشىنىدا يىغىۋېلىش» دېگەن ئىبارە ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. شۇنداقلا يېقىندىن بېرى داۋاملىق كېڭەيتىلىۋاتقان يېزا ئىگىلىكىنى كوپىراتىپلاشتۇرۇش سىياسىتى ماختالغان.

شەرقىي تۈركىستان پاختىسى خىتاي ئاساسلىق تايىنىدىغان پاختا مەنبەسى بولۇپلا قالماي، پۈتۈن دۇنيادىكى پاختا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ 20 نەچچە پىرسەنتىنى ئىگىلىمەكتە. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈنتەرتىپكە كەلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر خىتايغا جازا يۈرگۈزگەندىن سىرت، H&M قاتارلىق بىر قىسىم داڭلىق شىركەتلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاختىسىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتايمۇ بۇنىڭغا قارشى تۈرلۈك ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللانغان. نۆۋەتتە نايك قاتارلىق كىيىم-كېچەك شىركەتلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن يىغىۋېلىنغان پاختا ماتېرىيالىنى ئىشلىتىش بىلەن تەنقىدكە ئۇچرىماقتا. خىتاي بولسا شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك يوقلۇقىنى، پاختىلارنىڭ پۈتۈنلەي ماشىنا بىلەن يىغىۋېلىنىدىغانلىقىنى دەۋا قىلماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1771 قېتىم كۆرۈلدى
18/12/2021 13:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق