لاگېردىن يەنە شېھىت خەۋىرى كەلدى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررور سىياسەتلىرى سەۋەبلىك زىيانكەشلىككە ئۇچراپ شېھىت بولغانلار بارغانچە كۆپەيگەن بولۇپ، 14-دېكابىر يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە مۇسىبەت خەۋىرى تارقالدى.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىسى فېيسبۇكتا تارقالغان ئۇچۇردا ئاشكارىلىنىشىچە، ئوبۇلقاسىم ھەسەن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ياش جازا لاگېرىدا شېھىت بولغان. ئوبۇلقاسىم ھەسەن 1980-يىل ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى 2018-يىلى نويابىردا جازا لاگېرىغا سولىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ دوستلىرى ئوبۇلقاسىم ھەسەننىڭ 14-دېكابىر جازا لاگېرىغا قاراشلىق مەلۇم بىر دوختۇرخانىدا شېھىت بولغانلىق خەۋىرىنى ئالغان. فېيسبۇكتا يوللانغان ئۇچۇردا ئۇبۇلقاسىم ھەسەننىڭ جازا لاگېرىغا كىرىشتىن بۇرۇنقى سۈرىتى بىلەن كېسەل كارىۋىتىدا نىمجان ھالەتتە ياتقان سۈرىتى سېلىشتۇرۇلۇپ ھەمبەھرىلەنگەن. ئىككى سۈرەت ئوتتۇرىسىدا زور پەرق مەۋجۇت بولۇپ، لاگېردىكى ئازاب-ئوقۇبەت سەۋەبلىك، ئورۇقلاپ تونۇغىلى بولمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغان.

تورداشلار مەزكۇر سۈرەتلەردىن جازا لاگېرىدىكى خەلقنىڭ تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇ كۆرۈنۈشنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ بىر پاكىتى ئىكەنلىكىنى، ناتسىست گېرمانىيە دەۋرىدىكى جازا لاگېرلىرىنى ئەسلەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1779 قېتىم كۆرۈلدى
16/12/2021 15:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق