خىتاي ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇشنى كۆپلەپ تەكىتلىمەكتە

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى» دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى «دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ماسلاشتۇرۇش» تېررور سىياسىتىنى قايتا تەكىتلىگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى» دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى ئاچقان بولۇپ، چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلغان. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئەمەلدارلاردىن ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن قاتارلىقلار قاتناشقان.

بۇلار يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىسلام دىنىنى باستۇرۇش، شەرقىي تۈركىستاندىن ئىسلام دىنىنىڭ ئىزىنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان رەزىل پىلانلىرىنى بىردەك تەكىتلەپ، «دىننى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى دىن خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، دىن ساھەسىدە سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش، دىننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش» قاتارلىق تېررور سىياسەتلىرىنى كۈچەيتىپ ئىجرا قىلىش ھەققىدە جار سالغان.

خىتاي ئالدىنقى بەش يىللىق پىلانى مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ، ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا سەككىز مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرىغا قامىغاندىن سىرت، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتايلاشتۇرۇش، جۈملىدىن «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى كۈچەپ ئىجرا قىلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت چېقىۋېتىلدى ياكى بۇزۇۋېتىلدى، نەچچە مىڭلىغان دىنىي زاتلار، ئۆلىمالار ۋە تالىپلار ئۆلتۈرۈلدى ياكى تۈرمىگە تاشلاندى، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى. تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىنىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بارلىق دىنىي پائالىيەت ۋە ئىبادەتلىرىمۇ چەكلەندى. ھالبۇكى خىتاي بۇ قىلمىشلىرى بىلەن بولدى قىلماي، يېقىنقى مەزگىللەردە «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى كۆپلەپ تەكىتلىمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئاتالمىش تۈرلۈك ناملار، باھانىلەر بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررور سىياسىتىنى پەردازلاشقا، بۇ ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى، ئىسلام دىنىغا قىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ دۇنيا مىقياسى بويىچىمۇ ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەنلىكىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان دىنىي باستۇرۇشلارنى توختىتىشتا ئەمەلىي ھەرىكىتى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنغا قارشى تېررور سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1309 قېتىم كۆرۈلدى
15/12/2021 11:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق