خىتاي: ئامېرىكىغا زۆرۈر قارشى تەدبىرلەرنى قوللىنىمىز

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارىتىلغان ئەڭ يېڭى ئېمبارگو قارارىغا قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە ھەيۋە قىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 13-دېكابىر خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى جازاسىغا قارىتا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن زۆرۈر قارشى تەدبىرلەرنى قوللىنىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا 10-دېكابىر خىتاي، بېرما، جەنۇبى كورىيە ۋە بېنگال قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مۇناسىۋەتلىك ئونلىغان شەخس ۋە ئورۇنلارغا كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك جازا ئېلان قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ سۈنئىي ئىدراك شىركىتى شاڭتاڭ تېخنولوگىيەسى (SenseTime Technology) ۋە ئەركىن تۇنىياز، شۆھرەت زاكىر قاتارلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىگە ئالاقىدار ئەمەلدارلار قارا تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان.

بۇ ئىشتىن خەۋەردار شەخسلەرنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، شاڭتاڭ تېخنولوگىيە شىركىتى دۈشەنبە 767 مىليون دوللارلىق خوڭكوڭدا تۇنجى ئاشكارا تارقىتىلغان IPO سىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 687 قېتىم كۆرۈلدى
14/12/2021 11:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق