ئۇيغۇر سوتىنىڭ ھۆكمى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانچىلىك پايدىلىق؟

ئۇيغۇر سوتىنىڭ ھۆكمى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانچىلىك پايدىلىق؟

نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي

 

ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ چىقارغان ھۆكمى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانچىلىك پايدىلىق؟

ئۇيغۇر سوتى 2020-يىلى ئەنگلىيەدىكى بىر نەچچە ئادۋوكاتنىڭ بىرلىشىشى بىلەن قۇرۇلغان سوت بولۇپ، ئۈچ قېتىملىق گۇۋاھلىق ئېلىش، ماتېرىياللارنى ئانالىز قىلىش ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تەپسىلىي كۆزىتىپ چىقىش ئارقىلىق، 2021-يىلى دېكابىردا يەنى «دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى» ھارپىسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ھۆكۈم چىقىرىشى ھازىرغا قەدەر شەرقىي تۈركىستان / ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ رەسمىي ھالدا قانۇنىي ئاساسلار بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتكە جاكارلىنىشى بولدى.

بۇندىن باشقا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە غەرب ئەللىرىدىكى بىر نەچچە پارلامېنتمۇ ئوخشاش يەكۈندە بولغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ خەلقئارادىكى كۆڭۈل بۆلۈنىدىغان مۇھىم كۈنتەرتىپكە كېلىشى ئۈچۈن مۇھىم رولى بار.

گەرچە بۇ سوت ھۆكمى ھېچقانداق بىر دۆلەتكە بېسىم چۈشۈرەلمىسىمۇ، خەلقئارادىكى دېموكراتىيەنى ھىمايە قىلىدىغان دۆلەتلەر، ئىنسان ھەقلىرى ئورگانلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئەڭ ئېنىق تەرىقىدە بىلىشىگە پايدىلىق.

بۇ سوت ھۆكمى دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق خىتاي رېجىمىنىڭ سىياسەتلىرى، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش جەريانلىرىنى دەلىللىگەن بولۇپ، خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە، ب د ت يىغىنلىرىدا ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنى كۈچلەندۈرگىلى بولىدىغان دۆلەتلەردە قىممەتلىك بىر ئىسپات ۋە پايدىلىنىش ماتېرىيالى سۈپىتىدە ياردەم قىلالايدۇ.

مەزكۇر سوت ھۆكمى يەنە دۇنيا ئاخبارات ساھەسىنىڭ، ئاكادېمىكلارنىڭ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللىغۇچى تەرەپلەرنىڭ قىممەتلىك مەنبەسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلالايدۇ ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئىسپاتلىنىشقا تېگىشلىك بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە قىلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش جەريانى ئۈچۈنمۇ ئاساس بولالايدۇ. چۈنكى خىتاي ئۆز تۇپرىقىدىكى خىتايلارغا ئەمەس، پەقەت شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي قەۋملەرگە بۇ قەدەر ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكى قانۇنىي ئىسپات سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ.

خىتاينىڭ رەزىللىكىنى تېخىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىقارغان بۇ سوت يەكۈنى بىۋاسىتە ھالدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ھەل قىلغۇچ ئۆزگىرىش ئەكەلمىگەن ھالدىمۇ، خىتاي رېجىمىنىڭ سىياسىي رەزىللىكىگە بېرىلگەن بىر سىگنال ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە نىسبەتەن بىر ئۈمىد چىرىغىدۇر. بولۇپمۇ غەرب ئەللىرىدە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنى تېخىمۇ سىستېمىلاشقان ھالەتكە يۈرگۈزۈشكە پايدىلىقتۇر.

خىتايدا قىينالغان جازا لاگېرى شاھىتلىرىنىڭ قەھرىمانلارچە جاسارىتى، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىققا تەشنا ئاۋازى، خەلقئارادىكى ھۆرىيەتپەرۋەر ۋە ئىنسانپەرۋەر تەرەپلەرنىڭ ئورتاق كۈچىنىڭ نەتىجىسىدە مەيدانغا چىققان بۇ يەكۈن خىتاي تېررور دۆلىتىنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تونۇتۇشتا ئىسپات بولغۇسى.

بۇ خەۋەر 741 قېتىم كۆرۈلدى
13/12/2021 16:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق