ب د ت شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار دوكلاتىنى پات يېقىندا ئېلان قىلماقچى

ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئىشخانىسى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار باھالاش خىزمىتىنىڭ پۈتۈش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى، بۇ ھەقتىكى دوكلاتنىڭ بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئېلان قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئىشخانىسى باياناتچىسى رۇپېرت كولۋىل 10-دېكابىردىكى باياناتىدا مەزكۇر ئىشخانىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قانۇنسىز تۇتقۇن، مەجبۇرىي ئەمگەك، خورلاش قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئالاقىدار باھالاش خىزمىتىنىڭ پۈتۈش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مەزكۇر دوكلاتنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئېلان قىلىنىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش تەلىپى ھەققىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى ئېيتقان.

كولۋىل جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن قىسقا دوكلات يىغىنىدا ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى ئېلان قىلغان ھۆكۈم ھەققىدە توختىلىپ، مەزكۇر سوتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئۇچراۋاتقان مۇئامىلە ھەققىدىكى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە خورلاش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، شۇنداقلا كۈلتۈر ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقىنى باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى بايقىغانلىقىنى ئىلاۋە قىلغان.

خىتاي رېجىمى ھازىرغىچە ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل تەكشۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئاتالمىش «زىيارەت قىلىشقا بولىدىغانلىقى، تەكشۈرۈشكە يول قويۇلمايدىغانلىقى»نى قايتا-قايتا باھانە قىلىپ كۆرسەتمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 846 قېتىم كۆرۈلدى
11/12/2021 15:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق