ئامېرىكىنىڭ يېڭى جازا تىزىملىكىگە ئىككى ئۇيغۇر ئەمەلدارمۇ كىرگۈزۈلدى

ئامېرىكا خىتاي، شىمالىي كورىيە ۋە بېرما قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بىر تۈركۈم ئورگان ۋە شەخسلەرگە جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، قارا تىزىملىككە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىيازمۇ كىرگۈزۈلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى 10-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي، شىمالىي كورىيە ۋە بېرما قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم ئورگان ۋە شەخسلەرگە جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان. جازا تىزىملىكىدە ئۇيغۇرلارنى چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق نازارەت قىلىشقا چېتىشلىق خىتاي شىركىتى، شىمالىي كورىيەدىكى بىر كارتون ئىشلەش مەركىزى، رۇسىيە قانۇن تەتقىقات ئورگىنى قاتارلىقلار ئورۇن ئالغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ۋە باستۇرۇش قىلمىشلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئېنىقلانغان سەككىز دۆلەت تەۋەلىكىدىكى 15 شەخس ۋە 10 ئورگان جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى باياناتىدا، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ مۇۋەققەت رەئىسى، قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز ۋە سابىق رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ نەچچە مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى جازا لاگېرىغا سولاپ، كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى سەۋەبلىك، ئامېرىكىنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

2019-يىلى 10-ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىشقا قاتناشقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزگەن بولۇپ، شۆھرەت زاكىرمۇ قارا تىزىملىكتىكى توققۇز كىشىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغانىدى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا يەنە چىراي ۋە سۈرەت پەرقلەندۈرۈش دېتالىنى ئاچقۇچى شىركەت «شاڭتاڭ تېخنىكىسى»نىڭمۇ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى، مەزكۇر شىركەتنىڭ «ساقاللىق، كۆزئەينەك تاقىغان، يۈزىنى يۆگىگەن ئۇيغۇرلارنى تونۇش» تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى سەۋەبلىك، جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئورگان ۋە شەخسلەر ئىچىدە  رۇسىيەنىڭ «ياۋروپا قانۇن ئىنستىتۇتى» ۋە مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ مۇدىرىمۇ بار بولۇپ، شىمالىي كورىيەلىك خىزمەتچىلەرگە ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسى تەمىنلەپ بېرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

ئۇندىن باشقا بۇ قېتىملىق جازا تىزىملىكىدە بېرمىدىكى تۆت رايوننىڭ ئەمەلدارى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۈچ تەشكىلاتىمۇ بار بولۇپ، بۇلارنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشنىڭ سەۋەبى دېموكراتىيە تۈزۈمىگە قىلغان توسقۇنلۇق ۋە ھۇجۇمى ئىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 809 قېتىم كۆرۈلدى
11/12/2021 14:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق