خىتاي نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنى 9-دېكابىر ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 106 ئەپ دېتالىنى «ئابۇنىتلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى» دېگەن باھانە بىلەن چەكلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكىنىڭ رەسمىي ئۈندىدار ھېسابىدا ئاتالمىش «ئابۇنىتلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان ئەپلەر تىزىملىكى ئۇقتۇرۇشى»نى تارقىتىپ، ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرى بىر قىسىم ئەپلەرنى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا ئۇچۇر باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تۈزىتىلمىگەن جەمئىي 106 ئەپ دېتالىنى بايقىغانلىقى، بۇ سەۋەبلىك مەزكۇر ئەپ دېتاللىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغانلىقى بايان قىلىنغان. شۇنداقلا بارلىق ئەپ بازارلىرىدىن ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تىزىملىكتىكى ئەپلەرنى دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.
سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا يەنە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ۋە تۈزىتىشنى رەت قىلغان بىر قىسىم ئەپ دېتاللىرىغا قارىتا يەرلىك خەۋەرلىشىش ئورگانلىرىنىڭ ئەپ ئاچقۇچىلارنى مەمۇرىي جەھەتتىن جازالىشى كېرەكلىكى بايان قىلىنغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئەپلەرنىڭ ئىچىدىكى دوۋبەن بولسا خىتايدىكى داڭلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى بولۇپ، 2005-يىلى قۇرۇلغان. مەزكۇر تور بېكەتتىكى نىسبەتەن ئەركىن مۇنازىرە مۇھىتى مەلۇم دەرىجىدە ئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، تىزىملاتقان ئابۇنت سانى 230 مىليوندىن ئاشقان ۋاقىتلارمۇ بولغان. خىتاي نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ كونتروللۇقى سەۋەبلىك، دوۋبەن ئابۇنىتلىرىنىڭ سانى بۇ يىل ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن بولۇپ، بۇ ئەپنى ئىشلىتىۋاتقان ئابۇنىت سانى نۆۋەتتە 10 مىليون ئەتراپىغا چۈشۈپ قالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئىشخانىسى يېقىندا دوۋبەننىڭ مەسئۇل خادىملىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مەزكۇر سۇپىدا ئېلان قىلىش ياكى تارقىتىش چەكلەنگەن ئۇچۇرلارنىڭ قايتا-قايتا پەيدا بولۇش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى، بۇ ئەھۋالنى دەرھال تۈزىتىش كېرەكلىكى ھەققىدە بۇيرۇق قىلغان. بېيجىڭ ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئىشخانىسى يەنە دۇبەنگە بىر يېرىم مىليون يۈەن جەرىمانە قويغان.
خىتاي تور نازارىتى ۋە كونتروللۇقىنى يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرغان بولۇپ، بىر تەرەپتىن خىتاي رېجىمىنىڭ سىياسەتلىرىگە ئۇيغۇن بولمىغان مەزمۇنلارنى چەكلەشنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن تۈرلۈك ئەپ دېتاللىرى ئارقىلىق، خەلقنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىنى، بارلىق ئۇچۇرلىرىنى نازارەت قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ