خىتاي بۇ قېتىم ئەرەب دۇنياسىنى ئالداشقا ئۇرۇندى

خىتاي شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئەرەب دۇنياسىنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭلىقلار» ۋە شۇ يەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن، 6-دېكابىر ئۈرۈمچىدە سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنغا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئوقۇۋاتقان ياكى خىزمەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشقان. خىتاي يىغىندا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن سىن ئارقىلىق كۆرۈشتۈرۈشتەك ساختا سەھنە ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ چەت ئەلدىكى تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشەلەيدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىشقا ئۇرۇنغان.

پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىندا خىتاينىڭ دۇبەيدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى لى شۈخاڭ بىلەن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قورچاق ئەمەلدار مەڭلىك سىيىت سۆز قىلىپ: «شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشى مىسلىسىز ياخشىلاندى. شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، يۇرتنى سۆيۈشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك» دەپ جار سالغان.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ۋە يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى»نىڭ باشلىقى ئابلەت مەمەتمۇ: «مۇھاجىر قېرىنداشلار بايرىقى روشەن ھالدا دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق قىلمىشلارنى توسۇشىمىز كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسىنى ئۈزۈۋەتلىكىنى، ئەمما خەلقئارا جەمئىيەتكە بۇنداق ئەھۋالنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ھەققىدە ساختا تەشۋىقات تارقىتىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرىغا تېخىمۇ كۆپ خىراجەت ئاجرىتىپ، يالغان تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرىنىڭ غەرب ئەللىرىدە كۆپ ئۈنۈمى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەرەب ئەللىرى، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى قاتارلىق دۆلەتلىرىدە مەلۇم دەرىجىدە ئۈنۈم بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇنىڭغا قارشى تەشۋىقات ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق قىلماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1333 قېتىم كۆرۈلدى
10/12/2021 15:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق