بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۆپلىگەن دۆلەتلەر دىپلوماتىك بايقۇت قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، خىتاينى بايقۇت قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بەدەل تۆلەيدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 6-دېكابىر بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، كانادا، شوتلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. لىتۋانىيە بولسا ئامېرىكىدىن بۇرۇن بايقۇت قارارىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ياپونىيەمۇ دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. يېڭى زېللاندىيە بولسا مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئۇندىن باشقا تۈنۈگۈن كوسوۋومۇ ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ۋە بۇ سەپكە قېتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. كوسوۋو پىرېزىدېنتى ۋىيوسا ئوسمانىنىڭ ئاخبارات ۋەكىلى خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك سەۋەبلىك، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن بېيجىڭ ئولىمپىكىغا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغان دۆلەت سەككىزگە يەتكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 9-دېكابىر نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇ قارارى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.
خىتاينىڭ كانادادىكى باش ئەلچىخانا باياناتچىسىمۇ 8-دېكابىر نارازىلىق بىلدۈرۈپ، كانادانىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئولىمپىك نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن «تەنتەربىيە سىياسىي جەھەتتە بىتەرەپ بولىدۇ» دېگەن پىرىنسىپقا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.
خىتاينىڭ باياناتچىلىرى دىپلوماتىك بايقۇت دولقۇنىغا قارىتا بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئولىمپىكقا تەكلىپ قىلىنمىغانلىقى، شۇڭا قاتنىشىش-قاتناشماسلىقىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقى ھەققىدە جار سېلىش ئارقىلىق، بۇ سەتچىلىكتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ