ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە تەشكىللەنگەن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررور سىياسىتى ھەققىدىكى پاكىتلارنى توپلاپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ھۆكۈم چىقاردى.
ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ 1-قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى بۇ يىل 6-ئايدا، 2-قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىجرا قىلىۋاتقان تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسەتلىرى ھەققىدە ئىسپات توپلاش، دەلىل-ئىسپاتلارنى رەتلەش، يىغىلغان ئىسپاتلارنى تەپسىلىي تەھقىقلەش ئارقىلىق، تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
سوت كوللېگىيەسى يەنە خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلەرگە خىتاي كومپارتىيەسى سېكرېتارى شى جىنپىڭ، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
باش سوتچى جېفىرى نايس ئېلان قىلغان ھۆكۈمنامىدە خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا ئاتالمىش «نوپۇسنى ئەلالاشتۇرۇش» نامى بىلەن تۇغۇت چەكلىشى ۋە ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن تۇغۇت نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى سىستېمىلىق ئىجرا قىلىشى، تۇغۇلمىغان بوۋاقلارنى مەجبۇرىي ئالدۇرۇۋەتكەنلىكى، جازا لاگېرلىرىغا قاماپ زىيانكەشلىك قىلىشى قاتارلىق قىلمىشلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى»دە بېرىلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۆلچىمىگە چۈشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
مۇستەقىل «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» 2020-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باشچىلىقى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن خىزمەت باشلىغان ۋە بۇ يىل ئىيۇن ئېيىدىن باشلاپ بىر نەچچە قېتىم خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ۋە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىگەن. نەچچە باسقۇچلۇق ئىسپات توپلاش، ئىنچىكە تەھقىقلەش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدە قايىل قىلارلىق ئىسپاتلار توپلانغان. «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى»گە ئەنگلىيەلىك ئادۋوكات ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېفىرى نايس باش سوتچى بولغان. ئۇ ئىلگىرى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيەسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، سابىق يۇگوسلاۋىيە پىرېزىدېنتى سىلوبودان مىلوشېۋىچنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى سوتلاشقا مەسئۇل بولغان.
ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ مەزكۇر ھۆكۈمى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، خەلقئارالىق نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردا ئارقا-ئارقىدىن خەۋەر قىلىندى. بۇنىڭدىن بىئارام بولغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈنۈگۈن دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ: «مەزكۇر سوت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ قوللىشى ۋە كۈشكۈرتىشى ئارقىسىدا تەشكىللىگەن سىياسىي ئويۇنى. بۇ سوتنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي كۈچى ۋە نوپۇزى يوق» دەپ جار سالدى. خىتاي رېجىمى تۈنۈگۈندىن بېرى يەنە تور قوشۇنىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا خىتاينىڭ جىنايەتلەرنى ئاقلايدىغان ئىنكاسلار ۋە ھاقارەتلەر بىلەن، مەزكۇر سوت ۋە گۇۋاھچىلارغا ھۇجۇم قىلدى.
كۆزەتكۈچىلەر «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» چىقارغان ھۆكۈمنىڭ جازالاش كۈچى بولمىسىمۇ، ئەمما تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسەتلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلتۈرگەنلىكىنى ۋە خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ