چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى: خىتاي دۇنيا بويىچە مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ قولغا ئالدى

ئاخبارات ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق تەشكىلات «چېگراسىز مۇخبىرلار» يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ قولغا ئالغان دۆلەت بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى 7-دېكابىر «خىتاي ئاخباراتچىلىقىدىكى ئېغىر چېكىنىش» ماۋزۇلۇق دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خوڭكوڭدىكى خەۋەرچىلىك مۇھىتى ئېغىر دەرىجىدە ناچارلاشقان بولۇپ، خىتاي مۇخبىرلارنى ئاتالمىش «چايغا تەكلىپ قىلىش»، مەجبۇرىي ئۆگىنىشكە تەشكىللەش، تور مۇداپىئەسى قۇرۇش ۋە ئىنتېرنېت كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلانغان.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى كىرىستوف دېلۋارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن غايەت زور مالىيە ۋە تېخنىكا كۈچى سەرپ قىلغان، مۇخبىرلار كومپارتىيەنىڭ زۇۋانى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىشقا مەجبۇرلانغان. بۇ خىتايدىكى ئاخباراتچىلىق ساھەسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىشىگە سەۋەب بولغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا بويىچە خىتايدا قولغا ئېلىنغان مۇخبىرلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، نۆۋەتتە ئاز دېگەندە 127 ژۇرنالىست خىتاي تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن. سەزگۈر تېمىلارنى يوللاش ياكى تەكشۈرۈلۈشكە تېگىشلىك ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىش قاتارلىق ئاددىي ھەرىكەتلەر سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر مۇھىتى ناچار تۈرمىلەردە ئۇزۇن يىل تۇتۇپ تۇرۇلغان ۋە بۇ يەردە خورلانغان بولۇپ، ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى بار ئىكەن.

دوكلاتتا يەنە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئىنتايىن سەزگۈر نۇقتىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى، خىتاي رېجىمىنىڭ 2016-يىلدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا باستۇرۇش سىياسىتى قوللانغانلىقى، تاراتقۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى خەۋەر قىلىشىنى قاتتىق چەكلىگەنلىكى، نۆۋەتتە خىتاينىڭ 71 ئۇيغۇر ژۇرنالىستنى قولغا ئالغانلىقى، بۇ خىتايدا قامالغان مۇخبىرلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. شۇنداقلا چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ژۇرنالىستلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تەھدىتكە ياكى تۇتقۇن قىلىشقا ئۇچرىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۇ يىل 4-ئايدا 2021-يىللىق دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۆرسەتكۈچ دوكلاتى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان 180 دۆلەت ئىچىدە خىتاي ئاخبارات ئەركىنلىكى جەھەتتە 177-ئورۇنغا، يەنى ئاخىرىدىن سانىغاندا تۆتىنچى ئورۇنغا تىزىلغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 569 قېتىم كۆرۈلدى
10/12/2021 12:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق