ئەنگلىيە، شوتلاندىيە، كانادا قاتارلىق ئۈچ دۆلەت بېيجىڭ ئولىمپىكىغا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلغان دۆلەتنىڭ سانى يەتتىگە يەتتى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 8-دېكابىر كانادا باش مىنىستىرى جاستىن تىرۇدو بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بىر تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، %78 كانادالىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى قوللايدىكەن.
خىتاينىڭ كانادادىكى باش ئەلچىخانىسى شۇ كۈنى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، كانادانىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈپ باققانلىقى، شۇڭا كانادانىڭ ئولىمپىك روھىنىڭ ماھىيىتىنى ئوبدان بىلىشى كېرەكلىكى، كانادانىڭ بۇ قارارىنىڭ ئولىمپىك نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن «تەنتەربىيە سىياسىي جەھەتتە بىتەرەپ بولىدۇ» دېگەن پىرىنسىپىغا خىلاپ ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 6-دېكابىر بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېللاندىيە، ئەنگلىيە، كانادا ۋە شوتلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ بىلەن «بەش كۆز ئىتتىپاقى»غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بايقۇت سېپىگە قوشۇلغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون 8-دېكابىر ئەنگلىيەنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ قارارنى چىقىرىشتىن ئىلگىرى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچرىغانىدى.
ئەنگلىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ سابىق رەھبىرى ئىيېن دانكىن سىمىس ئامېرىكىنىڭ باياناتىنى قارشى ئالغان ۋە تىۋىتتېر ھېسابىدا ئۇچۇر يوللاپ: «ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئامېرىكىغا ئوخشاش مەيداندا تۇرۇپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشى كېرەك» دېگەنىدى.
ئۇندىن باشقا شوتلاندىيە ھۆكۈمىتىمۇ 8-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن بىر مەيداندا تۇرۇپ، ھېچقانداق مىنىستىر ياكى ئەمەلدارنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئومۇميۈزلۈك ياكى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىقلىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ