ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 8-دېكابىر مەجبۇرىي ئەمگەك سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستاندىن ئىمپورت قىلىنغان ماللارنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ تۈرلۈك قارار ماقۇللىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تۈنۈگۈن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلەپ، شەرقىي تۈركىستاندىن ئىمپورت قىلىنغان ماللارنى چەكلەش قانۇنىنى ماقۇللىغان. بۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قىلغان مۇئامىلىسىگە داۋاملىق قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 428 ئاۋازنىڭ قوللىشى، بىر ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇش نەتىجىسىدە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغان. بۇ قانۇن لايىھەسى يەنە كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللىنىپ، پىرېزىدېنت بايدېن ئىمزا قويغاندا ئاندىن رەسمىي قانۇن بولۇپ چىقىدىكەن. بۇ تەدبىر شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن بارلىق مەھسۇلاتلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان، دەپ رەت قىلىشنى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بايدېن ھۆكۈمىتى ۋە دېموكراتچىلار پارتىيەسى ئەزالىرىنى بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشىنى كېچىكتۈردى، دەپ ئەيىبلىگەن. ئەمما ئامېرىكا پارلامېنتتىكى دېموكراتچىلار ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى رەت قىلغان.
دېموكراتچىلار پارتىيەسىنى ئاساس قىلغان ئاۋام پالاتاسى ئوخشاش كۈندە يەنە مۇتلەق يۇقىرى ئاۋاز بىلەن خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىككى تۈرلۈك قارار لايىھەسىنى ماقۇللىغان. ئۇنىڭ بىرىدە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىنسان ھەقلىرى ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئاۋام پالاتاسىدا تولۇق ئاۋاز بىلەن قارشىلىقسىز ماقۇللانغان.
يەنە بىرى بولسا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر توپىغا قارىتا ئۈزلۈكسىز ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى ئەيىبلەش ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى بۇ ھەقتە ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىشقا ئالاقىدار قارار لايىھەسى بولۇپ، ئاۋام پالاتاسىدا 427 ئاۋازنىڭ قوللىشى، بىر ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ماقۇللانغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ