خىتاي بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان بايلىقلارنى توشۇش ئۈچۈن يېڭى لىنىيە تەسىس قىلماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىگە بىۋاسىتە قاتنايدىغان مەخسۇس پويىز لىنىيەسىنى تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇ لىنىيە ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان پاختا بايلىقىنى خىتاي ئۆلكىسىگە تېخىمۇ كۆپلەپ توشۇشقا باشلىغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 8-دېكابىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 21-نويابىر شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان 1500 توننا پاختا بېسىلغان پويىز تۇنجى قېتىم ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى ۋېيفاڭغا قاراپ يولغا چىققان. بۇ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن شەندۇڭغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان تۇنجى قېتىملىق پاختا مەخسۇس پويىزى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، خۇاجياڭ ئەشيا ئوبوروتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى ئارقىلىق توشۇلغان.

خىتاي پاختا گۇرۇھىنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مەخسۇس پويىز ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ 30 مىڭ توننا ساپ پاختىسىنى شەندۇڭ ئۆلكىسىگە توشۇش پىلانلانغان بولۇپ، بىر بېكەتلىك بىۋاسىتە يەتكۈزىدىغان بۇ مەخسۇس پويىز مالنى تۆت كۈن ئىچىدە نىشانغا يەتكۈزەلەيدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەخسۇس شەرقىي تۈركىستاننىڭ پاختا بايلىقىنى بۇلاپ توشۇشقا ئىشلىتىلىدىغان مەزكۇر لىنىيە نۇرغۇن ئارىلىق ھالقىلارنى قىسقارتىپ، ۋاقتىنى تېجەپ، تېز سۈرئەتتە ئاخىرقى ۋوگزالغا يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەت قىلىدىكەن.

خىتاي 2020-يىلى پەقەت ئاقسۇ ۋىلايىتى تۆمۈريولى ئارقىلىقلا 490 مىڭ توننا پاختىنى خىتايغا توشۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يىل 21-نويابىرغىچىمۇ 6114 ۋاگوندا 386 مىڭ 400 توننا پاختا توشۇپ كېتىلگەن. پۈتۈن بىر يىلدا بولسا 540 مىڭ توننا پاختىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش پىلانلانغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە شەرقىي تۈركىستاندىكى پاختىلارنىڭ قول بىلەن ئەمەس، ماشىنا ئارقىلىق تېرىپ يىغىلىدىغانلىقى ھەققىدە ساختا تەشۋىقات تارقىتىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى پاختىلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن يىغىدىغانلىقىنى، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ خىتايغا توشۇلغان پاختىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە كېلىدىغانلىقىنى، ھەتتا پاختا باھاسىنى خالىغانچە كونترول قىلىش ئارقىلىقمۇ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە زۇلۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1330 قېتىم كۆرۈلدى
09/12/2021 12:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق