قاھار ھېيتەم خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن قۇتۇلدى

تۈركىيەدىن ياۋروپاغا مېڭىش سەپىرىدە سېربىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنىپ، خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن قاھار ھېيتەم كۆپلىگەن تەرەپلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، 8-دېكابىر چۈشتىن كېيىن ئىستانبۇلغا ساق-سالامەت يېتىپ كەلدى.

شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر ياش قاھار ھېيتەم 2-دېكابىر تۈركىيەدىن ياۋروپاغا مېڭىش سەپىرىدە سېربىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنىپ، خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنىدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە تەشكىلاتلار ھەرىكەتكە ئۆتكەن ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتكە چاقىرىق قىلغانىدى. نەتىجىدە سېربىيەدە تۇرۇشلۇق تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئارىلىشىشى، تۈركىيە مىللىي گۆرۈش ھەرىكىتى بالقان ۋاكالەتخانىسى، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن قويۇپ بېرىلىپ، 8-دېكابىر چۈشتىن كېيىن ئىستانبۇلغا سالامەت يېتىپ كەلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار بىلەن جەمئىيەت ئەزاسى ئەلى لەتىفئوغلى ئايرودۇرۇمغا چىقىپ، قاھار ھېيتەمنى كۈتۈۋالدى ھەمدە ئۇنىڭ خەتەردىن قۇتۇلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى يەنە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مۇراجىئەت قىلىپ، قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق ياكى خىتاينىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولغان بالقان دۆلەتلىرى ئارقىلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىگە بارماسلىقنى، ھەممىدىن بۇرۇن قانۇنىي مەسلىھەت ئېلىش ۋە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 940 قېتىم كۆرۈلدى
09/12/2021 11:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق