ئاۋسترالىيەمۇ بېيجىڭ ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 6-دېكابىر بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئاۋسترالىيەمۇ بۇ سەپكە قېتىلىپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئاۋسترالىيە تاراتقۇسى ABC نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى سىكوت مورىسون بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى، ھېچقانداق ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنى بېيجىڭ ئولىمپىكىغا ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئۇ بۇ قارارنىڭ ھەيران قالغۇدەك يېرى يوقلۇقىنى، ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى يىرىكچىلىكنىڭ مەزكۇر قارارنىڭ چىقىرىلىشىدىكى سەۋەبلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەنچىلىكىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنىمۇ ئىلاۋە قىلىپ ئۆتكەن.

خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، ئاۋسترالىيەنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا ئەمەلدار ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ ئىلگىرى خىتاي-ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى خالايدىغانلىقى ھەققىدىكى باياناتىغا زىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ باياناتىدا يەنە: «خىتاي-ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. بۇنىڭدىكى مەسئۇلىيەت پەقەت ئاۋسترالىيە تەرەپتە دېيىشكە بولىدۇ. خىتاي ئاۋسترالىيەنى ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىشقا يەنە بىر قېتىم چاقىرىق قىلىدۇ» دەپ جار سالغان.

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە يەنە 58 كۈن قالغان. ئامېرىكا 6-دېكابىر بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلغان بولۇپ، بەش كۆز ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولغان ئاۋسترالىيەمۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش سېپىگە قوشۇلغان. بۇلاردىن باشقا لىتۋانىيەمۇ ئەڭ باشتا دىپلوماتىك بايقۇت قارارىنى ئېلان قىلغاندىن سىرت، يېڭى زېلاندىيەمۇ مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 795 قېتىم كۆرۈلدى
08/12/2021 15:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق