خىتاي رېجىمى ھەربىي ھەرىكىتى ۋە قورال-ياراغ تەرەققىياتىنى كۈچەيتىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى خىتايدىن كېلىۋاتقان ھەربىي خىرىس ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 7-دېكابىر ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرالى كىرىستىنى ۋورمۇس ۋە دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىم قوماندانى داۋىد بېرگېر شەنبە كۈنى كالىفورنىيەدىكى رېگان پىرېزىدېنت كۇتۇپخانىسىدا خىتاينىڭ ھەربىي خىرىسلىرى مەسىلىسى بويىچە مۇزاكىرە يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
كىرىستىنى ۋورمۇس يىغىندا: «مەن خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قاراتقان تور ھۇجۇمى ئېھتىماللىقىدىن ئەندىشە قىلىمەن. ئەگەر خىتاي بىلەن توقۇنۇشۇپ قالساق، بەلكىم ئېلېكتىر تورى ياكى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى كۆرۈشىڭىز مۇمكىن. كېيىنكى ھۇجۇم بىزنىڭ ھەربىي كۈچىمىزنى چەت ئەلگە يۆتكەش ئۇسۇلىمىزغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ئامېرىكا خەلقى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەن.
ۋورمۇس يەنە بىر ئەندىشىنىڭ تەيۋەن ئىكەنلىكىنى، شۇڭا تەيۋەن پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەيۋەن ئارمىيەسىنىڭ جەڭ تەييارلىقى ئۈچۈن مەبلەغ سېلىش كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇزاكىرە يىغىندا يەنە خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا تەھدىت سېلىش قىلمىشلىرىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە خىتاينى ھەر تەرەپتىن چەكلەشنىڭ پەقەت بىر مەيدان ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماستىن، ئامېرىكىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداشقا ۋە ئىتتىپاقداشلارنى ئەركىن دېڭىز ۋە ئوچۇق ھاۋا بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەشكە پايدىلىق ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
كىرىستىنى ۋورمۇس يىغىندا يەنە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىنقى 30 يىلدا ئارمىيەنىڭ ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىشنىڭ قىممىتىنى كۆرگەن خىتاينىڭ ئامېرىكىغا يېتىشىۋېلىشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھۇجۇم قىلىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسى جەڭدە يىراق مۇساپىلىك زەربە بېرىش دەرىجىسى ئېنىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئوتتۇرا مۇساپىلىك ئاۋازدىن تېز قوراللارنى ئىشلىتىدىكەن. مۇداپىئە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا بولسا، ئامېرىكا ئارمىيەسى قايتۇرما زەربە بەرگەندە ھەرىكەتچان قىسمىنى ئىشلىتىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ