خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى باستۇرۇش جىنايىتىنى پەردازلاشقا ئۇرۇندى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قورچاق ئەمەلدارلىرى 6-دېكابىر ساختا تەشۋىقاتىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە «ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە قوغداش» تېمىسىدا مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قورچاق ئەمەلدارلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى قوغدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان «ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە قوغداش» تېمىسىدا مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان. يىغىندا خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا كۈچەپ ئىجرا قىلىۋاتقان دىنىي ئېتىقادنى، مىللىي مەدەنىيەتنى، ئۆرپ-ئادەتلەرنى ۋە ھۈنەر-سەنئەتنى چەكلەش، تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا بېزەلگەن ھويلا-ئارام ۋە ئۆي سەرەمجانلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە خىتاي ئۇسلۇبىغا ئۆزگەرتىش قاتارلىق جىنايەتلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ۋە پەردازلاشقا ئۇرۇنغان.

خىتاي دائىرىلىرى يىغىندا: «پۈتۈن رايوندا جەمئىي 4640 تۈرلۈك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىل خاراكتېرلىك تۈرلەرنى ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزدۇق» دەپ بىلجىرلىغان.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا يەنە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز مىللىتىدىن بىر قىسىم  كىشىلەر سىن ئارقىلىق قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار ئالدىن تەييارلانغىنى بويىچە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداۋاتقانلىقى ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلانغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ھەرخىل باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مىللىي مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى چەكلەپ، خىتاي مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى، ھەتتا تىل-يېزىقىنىمۇ چەكلىگەنلىكىنى، خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارا بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1423 قېتىم كۆرۈلدى
08/12/2021 13:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق