سىلوۋاكىيە رەسمىي ۋەكىللەر ئۆمىكى تەيۋەننى زىيارەت قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت سىلوۋاكىيەنىڭ مۇئاۋىن ئىقتىساد مىنىستىرى كارول گالېك ۋە باشقا ئەمەلدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 43 ۋەكىل خىتاينىڭ نارازىلىقىغا پىسەنت قىلماي تەيۋەننى زىيارەت قىلدى.

ب ب س نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، سىلوۋاكىيە رەسمىي ۋەكىللەر ئۆمىكى 6-دېكابىر تەيۋەندىكى ئالتە كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ مىنىستىرلىرى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ساھەسى بويىچە كېڭەش يىغىنى ئاچقان. يىغىندا سىلوۋاكىيە تەيۋەننى قوللايدىغانلىقىنى، تەيۋەن بىلەن باراۋەر شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ سابىق سىياسىي مەسلىھەتچىسى، نۆۋەتتە تەيۋەندە ياۋروپا ئىتتىپاقى-تەيۋەن مۇناسىۋىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوكتور زۇزۇسا فېرېنسزى سىلوۋاكىيەنىڭ خىتاينىڭ ئەڭ ئاز مەبلىغىگە ئېرىشكەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلىتى ئىكەنلىكىنى، يېقىندىن بۇيان تەيۋەنگە بولغان قىزىقىشىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سىلوۋاكىيەنىڭ تەيۋەن زىيارىتى تاشقى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ لىتۋانىيەگە ئوخشاش قېلىشى، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى، تەيۋەن ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچبۇرجەك مۇناسىۋەتتە ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

لىتۋانىيە يېقىندا تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ «تەيۋەن» نامىنى ئىشلىتىپ، ۋاكالەتخانا تەسىس قىلىشىغا يول قويغاندىن كېيىن، خىتاي بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ۋاكالەت دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ، دىپلوماتىك ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تەھدىت سالغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 911 قېتىم كۆرۈلدى
08/12/2021 10:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق