ئامېرىكا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلغاندىن كېيىنلا، يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى گىرانت روبېرتسونمۇ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرى گىرانت روبېرتسون بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ قارارنىڭ خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك چىقىرىلغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
يېڭى زېللاندىيەنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى ئۆكتەبىر ئېيىدىلا خىتاي تەرەپكە ئۇقتۇرۇپ بولغانلىقىنى، بۇ قارارنىڭ بىر قاتار ئامىللارنى ئاساس قىلغان ھالدا چىقىرىلغانلىقىنى، بۇنىڭدا ئاساسلىقى يۇقۇم مەزگىلىدە چەت ئەل ساياھىتىنى ئازايتىش مەقسەت قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. خەۋەردە يەنە يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىگە بولغان ئەندىشىسىنى خىتايغا ئوخشىمىغان تەرىقىدە بىلدۈرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
يېڭى زېلاندىيە ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن «بەش كۆز ئىتتىپاقى» غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە مەزكۇر ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىپ، ئەمەلدارلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.
6-دېكابىر ئامېرىكا بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكىلىق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن قاتتىق بىئارام بولغان خىتاي بولسا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ