ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى توماس ۋېست باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى 29-، 30-نويابىر كۈنلىرى قاتاردا تالىباننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 30-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ، تالىبان بىلەن ئامېرىكا ۋەكىللىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافغانىستاندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى سۆھبەتتە تالىباننى بارلىق ئافغانىستانلىقلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا، ئومۇمىي كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇشقا ھەمدە بۇنى داۋاملىق يولغا قويۇشقا، بارلىق ئافغانىستان خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە چاقىرغان. ئامېرىكا ۋەكىللىرى يەنە تالىباندىن قىز-ئاياللارنى مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: «تالىبان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئافغانىستان خەلقىنى مائارىپتىن تولۇق بەھرىمەن قىلىشقا ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئوچۇق-ئاشكارا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. قىز-ئاياللارنى مەكتەپكە قوبۇل قىلىشتىكى ئىلگىرىلەشلەرنى دەلىللەش ۋە ئىز قوغلاپ كۆزىتىشكە رۇخسەت قىلىشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قارشى ئالىمىز» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئارىسىدا مۇخبىر، ئىقتىسادىي ئىشلار ئەمەلدارى ۋە ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات ئورگىنىنىڭ ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخنىك خادىملارمۇ بار ئىكەن.

تالىبان ھۆكۈمەت رەھبىرى، تالىبان ھەرىكىتىنى قۇرغۇچىلاردىن بىرى بولغان مۇھەممەد ھەسەن ئاخۇنزادە تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى، تالىبان ئىسلام ئەمىرلىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن تىنچ مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتلىرىغا ئۇرۇش سەۋەبلىك ھالىدىن كەتكەن ئافغانىستانغا داۋاملىق ياردەم قىلىش ھەققىدە مۇراجىئەت قىلغان. ئۇ يەنە: «بىز ھېچقانداق دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى خالىمايمىز ھەمدە باشقىلارغا خەۋپ پەيدا قىلىشنى خالىمايمىز. ھېچكىم بىزنىڭ ئۆتكەن يىگىرمە يىل جەريانىدا باشقىلارغا خەۋپ بولغانلىقىمىزنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ. بىز باشقا دۆلەتلەر بىلەن ياخشى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايمىز» دېگەن.

ھەسەن ئاخۇنزادە يەنە: «بىز نۆۋەتتە بارلىق كۈچىمىز بىلەن ئۆز مەسىلىلىرىمىزنى ھەل قىلىشقا چوڭقۇر چۆكتۇق. مەقسىتىمىز بارلىق كۈچ-قۇۋۋىتىمىزنى يىغىپ، ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن خەلقىمىزنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تىرىشىش» دېگەن.

ھەسەن ئاخۇنزادە سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قاتار خىرىسلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، بولۇپمۇ دۆلەت خامچوتىنىڭ %75 نى تەشكىل قىلىدىغان خەلقئارا ياردەم توختىتىلغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى يىمىرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تالىبانلار ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، پۇل پاخاللىقى نىسبىتى شىددەت بىلەن ئۆرلىگەن. ئامېرىكا تالىبانغا شەرئىي ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدىن ۋاز كېچىش شەرتى بىلەن، ئافغانىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ تەخمىنەن ئون مىليارد دوللارلىق مۈلكىنى توڭلاتقان، بۇ سەۋەبلىك ئىقتىسادىي كىرىزىس تېخىمۇ ئېغىرلاشقان. دۇنيا بانكىسى ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىمۇ ئامېرىكىنىڭ تەلىپى بىلەن ئافغانىستاننى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنى توختاتقان. نۆۋەتتە ئافغانىستان 40 يىللىق ئۇرۇش ۋە يېقىنقى مەزگىللەردىكى قۇرغاقچىلىقنىڭ تەسىرى بىلەن، ئىقتىسادىي جەھەتتىن دۇنيادىكى ئەڭ نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ تۇرماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 762 قېتىم كۆرۈلدى
02/12/2021 15:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق