شىنزو ئابې: ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشىغا قاراپ تۇرمايدۇ

ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى شىنزو ئابې خىتاينىڭ تەيۋەنگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىشىغا ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇنى چوقۇم بىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى شىنزو ئابې تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن ئەقىل ئامبىرى سۆھبەت يىغىنىغا تور ئارقىلىق قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا قىلغان سۆزىدە ياپونىيەنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىدىكى بەزى ئاراللارنىڭ تەيۋەنگە 100 كىلومېتىر كېلىدىغانلىقىنى، تەيۋەنگە قارىتىلغان قوراللىق تاجاۋۇزنىڭ ياپونىيە ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىك بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ سۆزىدە: «تەيۋەنگە بىر ئىش بولغانلىق ئەمەلىيەتتە ياپونىيەگە، شۇنداقلا ياپونىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقىغا بىر ئىش بولغانلىقتۇر. بېيجىڭدىكىلەر، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ بۇنى چوقۇم خاتا چۈشىنىپ قالماسلىقى كېرەك» دېگەن.

شىنزو ئابې يەنە تەيۋەننىڭ كۈچىيىشى، گۈللىنىشى، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ كاپالەت قىلىنىشىنىڭ ياپونىيە ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى خۇا چۈنيىڭ بۈگۈن ياپونىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشۈپ، شىنزو ئابېنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە: «ياپونىيە تارىختىن ساۋاق ئېلىپ، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك» دەپ جار سالغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئالدىنقى ئايدا، ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە قارشى قورال كۈچ ئىشلەتسە، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى، بۇ رايون ۋە رايون سىرتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت، دەپ قاراپ ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى تەكىتلەپ: «ئامېرىكا تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنىغا ئاساسەن تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، بۇ خىتاينىڭ تەيۋەنگە قورال كۈچى ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېتېر دۇتون 24-ئۆكتەبىر مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئاۋسترالىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ 70 يىللىق ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، ئامېرىكا خىتاينىڭ تەيۋەنگە قورال كۈچى ئىشلىتىشىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرسا، ئاۋسترالىيەنىڭمۇ ئامېرىكا بىلەن ئوخشاش ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېنمۇ بۇ يىل ئۆكتەبىردە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە خەلقئارانى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئەگەر تەيۋەن خىتاينىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا، ئاسىيانىڭ تىنچلىقى ئاپەت خاراكتېرلىك خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ» دېگەندى.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 667 قېتىم كۆرۈلدى
02/12/2021 13:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق