خىتاي ھىندونېزىيەگە ئۆكتەملىك بىلەن نارازىلىق بىلدۈردى

دېڭىز-ئوكيان رايونىدىكى زومىگەرلىك ھەرىكىتىنى بارغانسېرى كۈچەيتىۋاتقان خىتاي ھىندونېزىيەنىڭ تالاش-تارتىشتىكى دېڭىز رايونىدا نېفىت، تەبىئىي گاز قېزىش ۋە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشىگە ئۆكتەملىك بىلەن ئېتىراز بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 1-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل بېشىدا جەنۇبىي دېڭىزدا بىر نەچچە ئاي داۋاملاشقان تالاش-تارتىش جەريانىدا، خىتاي ھىندونېزىيەدىن ئۆزىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى دەپ دەۋا قىلغان دېڭىز تەۋەلىكىدە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تەكشۈرۈشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ تەلەپ ئىلگىرى خەۋەر قىلىنىپ باقمىغان بولۇپ، خەلقئارالىق ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىسادىي ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ رايوندا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى تەبىئىي بايلىقنى ئاساس قىلغان زىددىيەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن.

ھىندونېزىيە پارلامېنتى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى مۇھەممەد فارخاننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دىپلوماتى ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا دېڭىزدىكى تالاش-تارتىش مەسىلىسى ھەققىدە مەكتۇپ يازغان. مەكتۇپتا خىتاي ھىندونېزىيەنىڭ ۋاقىتلىق نېفىت بۇرغىلاشنى باشلىغان دېڭىز رايونىنى ئۆزىنىڭ تېررىتورىيەسى دەپ دەۋا قىلىپ، ھىندونېزىيە تەرەپتىن ۋاقىتلىق دېڭىز بۇرغىلاش سۇپىسىدىكى نېفىت بۇرغىلاش ھەرىكىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

مۇھەممەد فارخان ھىندونېزىيەنىڭ خىتايغا «بۇرغىلاشنى قەتئىي توختاتمايمىز، چۈنكى بىز ئۆزىمىزنىڭ تېررىتورىيەسى دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلدۇق» دەپ قەتئىي جاۋاب بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مۇھەممەد فارخاننىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىش مەسىلىسى بويىچە ھىندونېزىيە تەرەپكە يازغان باشقا بىر خېتىدە يەنە بۇ يىل 8-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ھىندونېزىيەنىڭ قۇرۇقلۇقنى ئاساس قىلغان «گىلۇدا قالقىنى» ھەربىي مانېۋىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئامېرىكا بىلەن ھىندونېزىيە تەشكىللىگەن بىرلەشمە مانېۋىرغا 4500 ئەسكەر قاتناشقان بولۇپ، بۇ 2009-يىلىدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان مانېۋىر ئىكەن. شۇنداقلا بۇ خىتاينىڭ مەزكۇر مانېۋىرغا تۇنجى قېتىم ئېتىراز بىلدۈرۈشى ئىكەن.

ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بۇ ھەقتە توختىلىپ، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك ئالاقىنىڭ مەخپىي بولىدىغانلىقىنى، مەزمۇننى ئاسانلىقچە ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبلىك بۇ ھەقتە كۆپ سۆزلەشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە ھىندونېزىيەدە تۇرۇشلۇق خىتاي باش ئەلچىخانىسىمۇ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلارغا جاۋاب بەرمىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھىندونېزىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى ۋە ئىككىنچى چوڭ مەبلەغ سالغۇچىسى ئىكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇھەممەد فارخان ۋە باشقا ئىككى كىشى ھىندونېزىيە رەھبەرلىرىنىڭ بۇ ئىشقا سۈكۈت قىلىشىدىكى سەۋەبنىڭ خىتاي بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىش ياكى دىپلوماتىك تالاش-تارتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 631 قېتىم كۆرۈلدى
02/12/2021 11:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق