ئەنگلىيە ئىستىخبارت ئورگىنىنىڭ ئەمەلدارى رىچارد مورې ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى تۇنجى ئاشكارا نۇتقىدا خىتاينى ئالاھىدە تىلغا ئالدى ۋە ئەڭ ئاساسلىق خىزمەت نىشانىنىڭ خىتاي رېجىمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە تاشقى ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى، ھەربىي ئىستىخبارات 6-باشقارمىسىنىڭ باشلىقى رىچارد مورې 30-نويابىر لوندون خەلقئارالىق ئىستراتېگىيە ئىنستىتۇتىدا قىلغان سۆزىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەربىي كۈچىنى كۆز-كۆز قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئەنگلىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، خاتا قارار چىقارغان تەقدىردە ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن.
ئۇ نۇتقىدا يەنە ئەنگلىيە ئىستىخبارات خادىملىرى دۇچ كەلگەن تۆت چوڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ خىتاي، رۇسىيە، ئىران ۋە خەلقئارالىق تېررورىزم ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ تېزلىكتە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ خىتاينى نۇقتىلىق تىلغا ئېلىپ، بېيجىڭ رېجىمىنىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن بارغانسېرى كەسكىنلىك بىلەن ئېغىر قارارلارنى چىقىرىۋاتقانلىقىنى، ئەنگلىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك جاسۇسلۇق ھەرىكىتى تەشكىللىگەنلىكىنى، تەيۋەنگە تەھدىت سېلىشتىن سىرت، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرغانلىقىنى، ئەمما بۇ جىنايەتلىرىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن.
رىچارد مورې نۇتقىدا يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ غەرب دۇنياسىنىڭ ئاجىزلىقى ھەققىدىكى ئۆز تەشۋىقاتلىرىغا ئىشىنىپ قېلىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە: «خىتاينىڭ ئۆزىگە زىيادە ئىشىنىشى سەۋەبلىك خاتا قارار چىقىرىش خەۋپى بىر رېئاللىق» دېگەنلەرنى ئىلاۋە قىلغان.
ھەربىي ئىستىخبارات 6-باشقارمىسى ئەنگلىيەنىڭ مەخپىي ئىستىخبارات ئورگىنى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بولۇپ، بارلىق ھەرىكەتلىرى ئىزچىل سىرلىق بولۇپ كەلگەن. بۇ قېتىملىق نۇتۇق مەزكۇر باشقارمىنىڭ يېڭى باشلىقى رىچارد مورېنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى تۇنجى ئاشكارا نۇتقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم