تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلەشكەن بىر پەيتتە، بەش دۆلەتنىڭ ئاسىيا دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۆتكۈزگەن ئون كۈنلۈك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئاخىرلاشقان بولۇپ، مانېۋىردا خىتاينىڭ دېڭىز-ئوكيان تەسىر دائىرىسىنى چەكلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە ساھىبخانلىق قىلغان، فىلىپپىن دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ANNUALEX» ناملىق يىللىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى 21-نويابىر باشلىنىپ، 30-نويابىر ئاخىرلاشقان. تاكتىكىلىق بىرلەشمە مانېۋىرغا ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە گېرمانىيە قاتارلىق بەش دۆلەتنىڭ دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 35 ئۇرۇش پاراخوتى ۋە ئون نەچچە ئايروپىلانى قاتناشتۇرۇلغان.
ئامېرىكا تىنچ ئوكيان فىلوتى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، مانېۋىر تۈرلىرى ئۇچۇر-ئالاقە تاكتىكىلىق مەشىقى، سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى تاكتىكىلىق مەشىقى، ھاۋا ئۇرۇش مەشىقى، دېڭىز ئارقا سەپ تولۇقلاش مەشىقى، پاراخوت ئۈستىدىن ھالقىپ ئۇچۇش مەشىقى ۋە دېڭىزدا ئالدىنى توسۇش مەشىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئامېرىكا يەتتىنچى فىلوتىنىڭ قوماندانى كارل توماس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «بىز ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بەزى ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەمدە يېڭىدىن كۈچىيىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ۋە كېڭەيمىچىلىك قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر مانېۋىرغا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىلغار قورال-ياراغلىرى قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، مانېۋىرنىڭ نىشانى ئامېرىكا ۋەدە قىلغان ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى رايونىدىكى ئىتتىپاقداشلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەن. ئۇندىن باشقا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ گۇئام ۋە ئاۋسترالىيەدىكى بازىسىنى كۈچەيتىشمۇ پىلانلانغان.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى «دۇنيا ۋەزىيىتىنى باھالاش» دوكلاتىدا ئامېرىكىنىڭ گۇئام ۋە ئاۋسترالىيەدىكى ھەربىي بازىسىنى كۈچەيتىشتىكى ئاساسىي مەقسىتىنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسى يەنە ئوتتۇرا شەرقتە ئىران ۋە ئىسلام جىھادىي تەشكىلاتلىرىنى توسۇش ئۈچۈن يېتەرلىك كۈچىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، خىتاي ۋە رۇسىيەگە قارشى ھەربىي بازىلىرىنى كۈچەيتىشنى پىلانلىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ