داڭلىق كىيىم-كېچەك شىركىتى Zara ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇشى سەۋەبلىك، فىرانسىيەدىكى بىر دۇكىنىنى كېڭەيتىش پىلانى رايونلۇق كومىتېت تەرىپىدىن رەت قىلىندى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، فىرانسىيەنىڭ بىر ئەمەلدارى 29-نويابىر بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، داڭلىق كىيىم-كېچەك شىركىتى Zara نىڭ ئانا شىركىتى Inditex گۇرۇھىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن نەپ ئېلىش مەسىلىسى بويىچە تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئۈچۈن، Zara نىڭ فىرانسىيەدىكى بىر دۇكىنىنى كېڭەيتىپ سېلىش تەلىپىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىسپانىيە كىيىم-كېچەك ماگناتى Zara ئەسلىدە فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بوردو شەھىرىنىڭ مەركىزىي دۇكىنىنى بىر ھەسسە كېڭەيتىپ ياساشنى پىلانلىغان. ئەمما بۇ تۈرنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل رايونلۇق كومىتېت 9-نويابىر ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق بۇنى رەت قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇكان كېڭەيتىشكە قارشى تۇرغان كومىتېت ئەزالىرى Zara نىڭ خىتايدىكى تەمىنلىگۈچى شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلانغان-پايدىلانمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كومىتېت ئەزالىرىدىن ئالېن گارنىرنىڭ ئېيتىشىچە، تەكشۈرۈش تەكلىپى كومىتېتنىڭ سىياسىي قارارى ئىكەن. بۇنىڭدىكى مەقسەت تەمىنلىگۈچىلىرىنى تولۇق كونترول قىلالمايدىغان دۇكانلارنىڭ كېڭەيتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدا ئېلىشقا قارشى كۈچلۈك سىگنال بېرىش ئىكەن.
فىرانسىيەدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى، ئەخلاق بەلگىسى ئىتتىپاقى، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى ۋە بىر لاگېر شاھىتى بۇ يىل تۆتىنچى ئايدا «مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى يوشۇردى» دېگەن سەۋەب بىلەن، ZARA شىركىتىنىڭ ئانا شىركىتى Inditex گۇرۇھىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت شىركەت ئۈستىدىن ئەرز سۇنغانىدى. دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بۆلۈمى ئەرزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ تۆت شىركەتكە قارىتا تەكشۈرۈشنى باشلىغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ فىرانسىيە ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا چېتىشلىق بىر دېلونى قوبۇل قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.
Inditex ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ، ئۆزلىرى خام ئەشيا مەنبەسىنى قاتتىق كونترول قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە فىرانسىيە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ