گىرېنلاندىيە خىتاي كانچىلىق شىركىتىنىڭ ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلدى

دانىيەنىڭ گىرېنلاندىيە ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى مەركىزىي شەھەر نۇك ئەتراپىدىكى خىتاي كانچىلىق شىركىتىنىڭ ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گىرېنلاندىيە ھۆكۈمىتى 22-نويابىر خىتاي كانچىلىق شىركىتى جۈنئەن گۇرۇھىغا بېرىلگەن گىرېنلاندىيە ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى بولغان نۇك شەھىرى ئەتراپىدا تۆمۈر رۇدىسى قېزىش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلغان. بۇ قارار بايلىق مەنبەسى مول بولغان شىمالىي قۇتۇپ ئارىلى گىرېنلاندىيەگە قەدەم بېسىشنى خىيال قىلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىگە قاتتىق زەربە بولغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كۆمۈر ۋە تۆمۈر رۇدىسى ئىمپورت قىلغۇچى جۈنئەن گۇرۇھى 2015-يىلى «Isua» كان تۈرىنىڭ كونتروللۇقىغا ئېرىشكەن. بۇ تۈرنىڭ بۇرۇنقى ئىگىدارى لوندون كانچىلىق شىركىتى ۋەيران بولغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن خىتاي گىرېنلاندىيەدە تۇنجى كان ئېچىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.

يەرلىك ھۆكۈمەت باياناتىدا بۇ ئورۇندىكى سودا پائالىيەتلىرى ئاكتىپ بولمىغانلىقتىن ئىجازەتنامىنى بىكار قىلغانلىقىنى، جۈنئەن گۇرۇھىنىڭ ئىجازەتنامىسى رەسمىي قايتۇرۇۋېلىنغاندىن كېيىن، بۇ تۈرگە قىزىقىدىغان باشقا شىركەتلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى، خىتاي شىركىتىنىڭ كېلىشىمگە بىنائەن ئالدىن كېلىشكەن كاپالەت پۇلىنىمۇ بەرمىگەنلىكىنى قەيت قىلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گىرېنلاندىيە ھۆكۈمىتى يەنە خىتاي جۈنئەن گۇرۇھىدىن بارلىق گېئولوگىيەلىك سانلىق مەلۇماتلارنى قايتۇرۇشنى، قالغان بىر يېرىم مىليون دانىيە كىرونى كاپالەت پۇلىنىڭ ئاشقان قىسمىنى تۆلەشنى ۋە كان رايونىنى تازىلاشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، جۈنئەن گۇرۇھى 2016-يىلى دانىيە ھۆكۈمىتىدىن گىرېنلاندىيەدىكى تاشلىۋېتىلگەن دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما دانىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتاينىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان. 2018-يىلى خىتاي بانكىسى ۋە دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى قۇرۇلۇش شىركىتىمۇ مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ، گىرېنلاندىيەدە ئىككى ئايرودۇرۇم قۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا ئىجازەت بەرمىگەن.

بۇ خەۋەر 600 قېتىم كۆرۈلدى
24/11/2021 11:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق