ئامېرىكىنىڭ قوغلىغۇچى پاراخوتى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى

ئامېرىكىنىڭ بۇرك دەرىجىلىك قوغلىغۇچى پاراخوتى مىلىيۇس بۇ سەيشەنبە تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي پاراخوتى 23-نويابىر يەنە بىر قېتىم تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇنىڭ قەرەللىك ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە تەرەپنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇرك دەرىجىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قوغلىغۇچى پاراخوتى مىلىيۇسنىڭ (Milius) خەلقئارا قانۇن بويىچە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى يەنە مىلىيۇسنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈشى ئامېرىكىنىڭ ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بەرگەن ۋەدىسىنى نامايان قىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا ئارمىيەسى خەلقئارا قانۇن رۇخسەت قىلغان ھەر قانداق جايدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي شەرقىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شى يى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنى تەشكىللەپ، پۈتۈن جەرياننى يېقىن ئەتراپتىن كۆزەتكەنلىكىنى، زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ بارلىق تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى، «خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقى»نى، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىقىنى جار سالغان.

بۇ خەۋەر 574 قېتىم كۆرۈلدى
24/11/2021 10:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق